كۇچادا «رابىيە قادىرنىڭ قېشىغا كېتىمىز» دېگۈچىلەرگە 10 كۈنلۈكتىن قاماق جازاسى بېرىلدى

بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن كۇچالىق 3 نەپەر دەۋاگەر، 4 كۈندىن بېرى كۇچادىكى بىر قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-04-14
Share
rabiye-rfa-15-yilliq-305.jpg رابىيە قادىر خانىم جان-دىلى بىلەن ئۇيغۇرلار داۋاسىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 2011-يىلى 14-ئاپرېل.
RFA

بۈگۈن ساقچى خادىملىرى تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ئۇلارنىڭ قاماققا ئېلىنىش سەۋەبى ھەققىدە تۇنجى قېتىم مەلۇمات بەرگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ 3 نەپەر دەۋاگەر بېيجىڭدا كۇچا ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، ئەگەر داۋاسى ئادىل بىر تەرەپ بولمىسا، ئادالەت ئىزدەپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار بۇ جەرياندا «رابىيە قادىر خانىمنىڭ قېشىغا كېتىمىز» دېگەنلىكى ئۈچۈن 10 كۈنلۈك قاماق جازاسى بېرىلگەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت