كۇچا ناھىيىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقان ياشلارنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلارنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىشى، ئۇيغۇرلاردا بىردەك نارازىلىق قوزغاۋاتقان مەسىلىگە ئايلانماقتا. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئاتالمىش ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى باي قىلىش سىياسىتىگە دېھقان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىشلەمچىلىككە ئاپىرىلغان پەرزەنتلىرى ئىنتايىن مايىل بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما بۇنىڭغا نارازىلىق ئىنكاسلىرىنىڭ بارلىقىنى يوشۇرۇپ كەلدى. دەرۋەقە يېقىندا ئىگە بولغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئاقسۇنىڭ كۇچا ناھىيىسىدە دېھقانلار خەلق مەيدانىغا يىغىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ ، قىزلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىكەن.

تولۇق بولمىغان قىممەتلىك ئۇچۇر

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ئۇچۇر ئورگىنى بولغان، گېرمانىيىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ -18كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگە بولغان تولۇق بولمىغان ئۇچۇرغا ئاساسەن تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا ، يېقىندا ئاقسۇنىڭ كۇچا ناھىيىسىدە دېھقانلار كۇچا ناھىيىلىك خەلق مەيدانىغا يىغىلىپ ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقان قىزلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئورۇنلاشتۇرىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان.

'گەرچە نامايىشچى ئامما تېز ئارىدا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى نەپىرى قولغا ئېلىنغان ئىكەن. ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، ساقچى دائىرىلىرى داۋاملىق تۈردە نامايىشقا چىققان ئاممىدىن، بۇ قارشىلىق نامايىشنى كىمنىڭ ئويۇشتۇرغانلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بۇيىچە ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ ۋە ئاقسۇغا ئوخشاش ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقان قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا تۈركۈملەپ يۆتكىمەكتە. بۇ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا يەرلىك دائىرىلەر ھەتتا دېھقانلارنى مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللانغان ئىكەن .گەرچە ئۇيغۇر دېھقانلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقان ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش سىياسىتىگە قارىتا نارازىلىقنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ ، ئەمما كونكرېت بىر قارشىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە بۇ تۇنجى مەلۇم بولغان ئۇچۇر ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ئورۇن ۋە كىشىلەر خەۋەرسىز

مەزكۇر ئۇچۇر ھەققىدە يەنىمۇ تولۇق مەلۇمات ئېلىش مەقسىتىدە بىز ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھەمدە كۇچا ناھىيىلىك توپىلاڭلارنى باستۇرۇش قوراللىق ئەترىتىگە تېلېفون قىلدۇق بۇ ئىككىلا ئورۇن كۇچادا نامايىش بولغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.

بىز يەنە كۇچا ناھىيىسىدە نامايىش يۈز بەرگەن خەلق مەيدانى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىلىك ھەمدە ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ سىناپ كۆرگەن بولساقمۇ، ئەپسۇس تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغۇچىلار بۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

"نامايىش يۈز بەردى، ئەمما ئېنىق ..."

بىز يەنە كۇچا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، بۇ چاغ ئۇيغۇر ئېلىدە كەچ كىرگەن ، خىزمەتچىلەر ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىت بولغاچقا تېلېفونىمىزنى پەقەت كەچلىك كۈزەتچىلىكتە تۇرغۇچى خادىم ئالدى. گەرچە بۇ خادىم ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت ۋە باشقا تولۇق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىيەلمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما كۇچا ناھىيىسىنىڭ خەلق مەيدانىدا دېھقانلارنىڭ ھەقىقەتەن نامايىش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۇنداقلا ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار شۇنداقلا خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاياللار ھەمدە ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەمدە قانۇنىي ھەق ‏- ھوقۇقلىرىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزىۋاتقانلىقىدەك مەسىلىگە ئورتاق كۆڭۈل بۆلمەكتە شۇنداقلا ئۇلار مەزكۇر مەسىلىنىڭ خەلقئارالىشىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سىياسىتىگە قارىتا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ئەمەلىي ئۇچۇرنىڭ ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.

بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇمكى ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىر پەيتتە ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قارشىلىق ئىنكاسلىرىدا بولغان ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن بېسىم ئىشلىتىپ ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىمۇ قامال قىلىپ كەلمەكتە. (گۈلچېھرە)