RFA نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كۇچار ھاكىمى ئۆزىنى تەكشۈرگەن
2007.08.09
يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش ۋەقەسى توغرىسىدا رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەن كۇچار ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن " دۈشمەن" رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، دەپ تەنقىدكە ئۇچرىغان. ناھىيە ھاكىمى، كۇچاردا يەرلىك پۇقرالار ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەشكە قارشى چىقىپ نامايىش قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەن ئىدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى " دۈشمەن" رادىئوسى، دەپ قارالدى
كۇچار ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ھۈسەنجان مەمەت، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ كۇچاردىكى نامايىش توغرىسىدا سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەندە، كۇچاردا يەرلىك پۇقرالارنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەشكە قارشى نامايىش قىلغانلىقىنى ۋە بىر قىسىم نامايىشچىلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ۋەقەنى قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىشكە قارشى چىققان ئاز ساندىكى بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا كېلىپ ئەرىز قىلىش ۋەقەسى، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھۈسەنجان مەمەت رادىئومىزغا يۇقىرىقى مەسىلە توغرىسىدا بايانلاردا بولغاندىن كېيىن، ئۇ يۇقىرىنىڭ كۇچاردا يۈز بەرگەن ۋەقەنى مەخپىي تۇتۇش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغان، دەپ ئەيىبلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.
گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، دائىرىلەرنىڭ ھاكىمغا "دۈشمەن رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغان، سىياسى جەھەتتىن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، دەپ گۇناھ ئارتىپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە ۋە تەكشۈرۈشنامە يېزىشقا قىستىغانلىقىنى" بىلدۈردى.
ھاكىم يەنىلا ئۆز خىزمەت ئورنىدا
بىز ۋەقەنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئىگەللەش مەقسىتىدە كۇچار ناھىيىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلىرىگە تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنى سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن بۇ ئىككى ئورگاندىكى خادىملار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ناھىيىلىك پارتكومنىڭ بىر دۇژېرنى خادىمى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تېلېفونىمىزنى قويۇۋەتتى. ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەنە بىر دۇژېرنى خادىمى بولسا ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا كۇچار ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى يەنىلا ئۆز ۋەزىپىسىنى ئايقۇرىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن. ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر خادىم، ھاكىمنىڭ ۋەزىپىسى ياكى خىزمەت ئورنىدا ئۆزگۈرۈش بولمىغانلىقىنى، ئۇنى بۇنىڭدىن بىر قانچە بۇرۇن كۆرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۆتكەن ئايدا قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئۆلكىگە ئەۋەتىشكە قارشى چىققان كۇچار ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم پۇقرالار ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا كېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكىرىگە ئادەم يۆتكەش سىياسىتىگە نارازى ئىكەنلىكىنى ۋە قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئەۋەتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار بەزى كىشىلەر كۇچاردا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ نامايىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ناھىيە ھاكىمى رادىئومىزغا بۇنىڭ بىر ئەرزىيەت ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى ۋە ۋەقەدە نامايىشچىلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلىپ، بۇ مەسىلىنىڭ توغرا بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
نامايىشنى تەشكىللىگۈچى نەزەربەنت قىلىندى
كۇچاردا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ تەپسىلى جەريانى، ۋەقەگە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ شەخسى ئەھۋالى، ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر قىزلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا سىر ئەمەس.
ۋەقەدىن خەۋەردار ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان زاتلار بىزگە ۋەقەنى تەشكىللىگۈچىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دەسلەپكى ئۇچۇرلارنى بەردى. ئۇلار ئەرزىيەت ۋەقەسى كۇچار ناھىيىسىدىكى بىر مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ تۇرسۇن نۇسرەت ئىسىملىك درېكتورى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى، ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇت - كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەلگەندىن كېيىن، ناھىيىدىكى قىزلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان ئاتا - ئانىلارنى يىغىپ، ھۆكۈمەتكە تەلەپ قويغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇلارنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەرىپىدىن كۇچارغا ئەۋەتىلگەن دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى، تۇرسۇن نۇسرەتنى ئائىلىسىدە نەزەربەنت ئاستىغا ئالغان ۋە رادىئومىزغا كۇچاردا نامايىش بولدى، دەپ بايانات بەرگەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دۇژېرنى ئىشخانىسىدىكى بىر نۆۋەتچى خادىمنى خىزمىتىدىن قوغلىغان.
لېكىن كۇچار ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دۇژېرنى ئىشخانىسىدىكى نۆۋەتچى خادىملار بۇ ئۇچۇرنىڭ راست - يالغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇنىمىدى.
ئۆمەرجان ھاجىم : راستنى سۆزلەش كىشىلەرنىڭ ھەققى
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، كۇچار ناھىيىلىك پارتكوم ناھىيىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئۇختۇرۇش تارقىتىپ، ناھىيىدە يۈز بەرگەن سىياسى ۋەقەلەرنى سىرتقا ئاشكارىلىغۇچىلارنىڭ ئېغىر جازاغا تارتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
ئۆمەرجان ھاجىم، نورۋىگىيىدە ياشايدىغان كۇچارلىق دىنىي زاتلاردىن بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن جازالاش دەۋرىمىزدە ئەقىلگە سىغىدىغان ئىش، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەشكە تەشكىللەش ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ ئاقلىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر قىزلىرىنى مەجبۇرى يۆتكەش ئەھۋالى ئاتا - ئانىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، بۇ سىياسەتنى شەكلى ۋە ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن "ئېتنىك تازىلاش،" دەپ ئەيىپلىمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قەھرىمان غوجامبەردى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن نامايىش ھەققىدە توختالدى
- قىرغىزىستان ساقچىلىرى تەشكىلاتچى تۇرسۇن ئىسلامنىڭ ئوغلىنى تۇتۇپ كەتتى
- كۇچا خەلقىنىڭ نارازىلىقىدىن دۇنيا خەۋەردار بولدى
- كۇچا ناھىيىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا يۆتكەش سىياسىتى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى
- قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- شىۋېتسىيىدە خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
- خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتى نامايىشقا دۇچ كەلدى
- قاراماي شەھىرىدە پىنسىيىگە چىققان ئىشچىلار نامايىش قىلدى
- گۇاڭشى بوبەيدىكى دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقى مەتبۇئاتلاردا مۇلاھىزە قىلىنماقتا
- گەنجياڭ ئىنستىتۇتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تاماق تاشلىدى
- رابىيە قادىر خانىم تورونتودا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشتى