دوكتور قاھار باراتنىڭ كۇچاردا بايقالغان قەدىمقى قەبرىلەر ۋە خىتاينىڭ شىيۈدۇخۇفۇسى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى
2007.09.17
كۇچارنىڭ شەھەر ئىچىدە يەر ئاستى سودا بازىرى بىنا قىلىنىۋاتقاندا، 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى يەر قاتلاملىرىدىن قەدىمقى كۇچار قەبرىلىرى بايقالغان. كۇچاردا بايقالغان گۈمبەز شەكىللىك قەدىمقى خىش قەبرىلەر، ئاخىرەتلىك ساپال قاچىلار ۋە قەبرە تېمىدىكى تۇلپار (ئۇچار ئات) نۇسخىسى كۇچارنىڭ تىپىك مەدەنىي يادىكارلىقىلىرى ئىدى. ئەمما ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى، تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى قۇرغان رەھبەرلىك ئورگان بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلارنى مىلادىدىن ئىلگىرى 60 - يىلىدا خىتاينىڭ خەن سۇلالىسى تەسىس قىلغان 'شىيۈدۇخۇفۇ' دەپ ئاتالغان ھەربىي ئورگاننىڭ كۇچارنى ئىدارە قىلغانلىقىنىڭ بىۋاستە پاكىتى، دەپ تەشۋىق قىلدى.
ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان تارىخ پەنلىرى بۇيىچە دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىم كۇچاردىن تېپىلغان قەدىمقى قەبرىلەر ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىپ قالغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ تەتقىقات قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى مۇقىملاپلا قالماي، بەلكى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تىلغان ئالغان خىتاينىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى 'شىيۈدۇخۇفۇ' دېگەن ئورگاننىڭ قانداق ئورگان ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كۇچاردىن بايقالغان قەدىمقى مەدەنىيەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى خىتاينىڭ 'شىيۈ دۇخۇفۇ' ياراتقان ئەمەس، بەلكى كۇچارنىڭ يەرلىك خەلقى ئۆزلىرى ياراتقان مەدەنىيەت.
قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خەن سۇلالىسىنىڭ 'شىيۈدۇخۇفۇ'سى ئاساسەن ھۇنلارغا زەربە بېرىشكە قارىتىلغان ئورگان، يەرلىك مەدەنىيەتلەرنى ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراش ئەخمىقانىلىق.
قاھار بارات ئەپەندى خەن سۇلالىسىنىڭ ھۇنلارغا سەددىچىندىلا قارشىلىق بىلدۈرۈپ قالماي، بەلكى سىرتقا چىقىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ۋە سرتقا چىققاندىن كېيىن ھەردائىم يەرلىك خەلقلەرنىڭ ۋە ھۇنلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ ھالسىرىغان ئاقىۋىتىنى بايان قىلدى.
قاھار بارات ئەپەندى يەنە، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ بۇنداق 'شىيۈدۇخۇفۇ' قۇرۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە مەغلۇپ بولغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە خىتاي قۇرغان بۇنداق ئورگاننى، ئەمەلىيەتتە خىتايلارنىڭ سىرتقا تاجاۋۇزچىلىق قىلغانلىقىنىڭ پاكىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر بۇ ھەقتە دەۋاتقان گەپلىرى بولسا، پەقەت بىر سىياسىي تەشۋىقات، مۇستەملىكىچىلىك سىياسەت، دەپ كۆرسەتتى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- RFA نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كۇچار ھاكىمى ئۆزىنى تەكشۈرگەن
- رۇسىيىنىڭ تېرېكۆل بويىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇر قەلئەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەكتە
- كۇچا ناھىيىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنجى تارىخىي مۇزېي
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى قانداق قوغدايدۇ؟
- تۇرپاندىكى قەدىمىي شەھەرلەر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىماقتا
- تۇۋا جۇمھۇرىيىتى قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى
- قازاقىستانلىق گېئولوگنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدىن كېيىنكى تەسىراتى(3)
- قازاقىستانلىق گېئولوگنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدىن كېيىنكى تەسىراتى(2)
- قازاقىستانلىق گېئولوگنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدىن كېيىنكى تەسىراتى(1)
- ئالماتىدا ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت كۆرگەزمە ئېچىلدى
- ياپونىيە بۇتخانىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەتلىك ئاسارە – ئەتىقىلىرى ساقلانماقتا