كۈرەش كۈسەننىڭ ۋاپىتى شۋېتسىيە مەتبۇئاتىدا


2006.11.08
kuresh-wapati-200.jpg
كۈرەش كۈسەننىڭ مىيىتىنى ئۇزىتىش مۇراسىمىغا ئۇنىڭ شۋېتسىيىلىك دوستلىرىمۇ قاتناشقانىدى.

مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى پەقەت ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنلا چوڭ يوقىتىش بولۇپ قالماستىن، بەلكى پۈتۈن شۋېتسىيە ئۈچۈنمۇ چوڭ بىر يوقىتىش بولدى. ئۇنى تونۇيدىغان، ئۇنىڭ مۇزىكىسىغا ھېرىسمەن شۋېد خەلقى شۋېتسىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەر خىل تەزىيەنامىلارنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا بولغان چۇڭقۇر قايغۇسىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى خەۋەر شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالدى.

مەرھۇم ۋاپات بولغان كۈننىڭ ئەتىسى يەنى 30 ئۆكتەبىر كۈنى مەرھۇم ياشىغان ئېسكىلستۇنا شەھرىدە چىقىدىغان "كىرۇرەن گېزىتى"، "شۋېتسىيىدىكى ئاتاقلىق مۇزىكانت كۈرەش سۇلتان ۋاپات بولدى" دېگەن تېمىدا ماقالە ئىلان قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھايات پائالىيىتى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن. ماقالىدە كۆرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ چۈشكەن چوڭ رەسىمى قىستۇرما قىلىنغان. ماقالە جەمى 5 قىسىمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ماقالىدا مەرھۇمنىڭ سەنئەت ھاياتىغا ناھايتى يۇقۇرى باھا بېرىلگەن. ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان:

"مۇزىكانت، كومپوزىتور، شائىر، ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە خەلق مۇزىكىسى تەتقىقاتچىسى كۈرەش سۇلتان خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرىستاندىن كەلگەن. ئۇ شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسى ۋە رادىئولىرىدا ئۆزىنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرى بىلەن دۇنياغا تۇنۇلغان ئارتىسقا ئايلانغان ئىدى. ئۇ شۋېتسىيىدە چوڭ ئاتاققا ئىگە سەنئەتكار بولۇپ، شۋېتسىيىنىڭ ئەڭ داڭلىق مۇزىكانتى ئاللې موللېرنىڭ تەشكىلىشىدىكى "دۇنيا مۇزىكا ئەتىرتى" نىڭ تەركىبىدە شۋېتسىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىردا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە نۇرغۇن قېتىم ئۇيۇن قويغان.

مەرھۇمنىڭ دەپنە مۇراسىمىدىن كىيىن يەنى 3 نويابىر كۈنى شىۋېتسىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتى بولغان يەنى شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىن بىر ئاۋازى بولغان "كۈندىلىك خەۋەرلەر" گېزىتى مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە ماقالە ئىلان قىلىپ مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا بولغان قايغۇسىنى ئىپادىلىگەن. كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىدە ئىلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە مەرھۇمنىڭ سەنئەت ھاياتىغا قارىغاندا سىياسىي ھاياتىنى بەكرەك گەۋدىلەندۈرگەن. ماقالىدا مۇنداق يېزىلغان:

"ئۇنىڭ دەپنىسىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ كىلىپ قاتناشتى، ئۇيغۇرلارنىڭ لېدىرى بولغان رابىيە قادىرنىڭ ۋاشىنگىتوندىن كېلىپ قاتنىشىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى ھۆرمىتىنىڭ قانچىلىك يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بارىدۇ، ئۇ پەقەت بىر مۇزىكانت بولۇپلا قالماستىن بەلكى چەتئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ لېدىرلىرىنىڭ بىرىدۇر".

ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدىمۇ قىسقىچە چۈشەنچە بېرىلىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، خىتايدا ماۋزېدوڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زامانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلارغا بېقىندى بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغان ئالغان. ئاپتور ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان:

"كۈرەش سۇلتان 'يەرنى ساتماڭلار' دېگەن ناخشىسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان. ئۇ تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە سەرسان بولۇپ يۈرۈپ خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ئۇ ب د ت نىڭ ياردىمى بىلەن شۋېتسىيىگە كەلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان بىر مەركىزىگە ئايلانغان. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقنى ئىزدىگەن. بىراق ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇ ئىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلەرنىڭ دالاي لاماسىدەك بىر تۇنۇلغان لېدىرى يوق ئىدى. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەركىبىدە ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن ئىدى. ئۇ مۇزىكىدىن ئىبارەت ئۈچۈنچى تىل بىلەن دۇنيانىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن دېگەن دەپ بىلدۈرگەن ئىدى".

مەرھۇم ياشىغان ۋە خىزمەت قىلغان ئېسكىلستۇنا شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يۇناس بۇرمان. دەپنە مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن ئىدى:

"كۆرەش ئارمىزدىن كەتتى ئۇنىڭ ۋاپاتى شۋېتسىيە ئۈچۈنمۇ بىر يوقىتىش، ئۇ شۋېتسىيە يېڭى بىر مەدەنىيەتنى، يېڭى بىر سەنئەتنى يەنى ئۇيغۇر سەنئىتىنى ئەكەلگەن ئىدى بىز شۋېتسىيە رادىئوسى ۋە ئېسكىلستۇنا شەھەرلىك مۇزىكا ئارخىپخانىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىلىرىنى رەتلەپ چىقماقچى ئىدۇق. مۇشۇ نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا قەشقەردىن 40 دانە خالىق مۇزىكىسىنى ئەكەلدۈرۈپ لېنتىغا يازماقچى ئىدۇق. ئۇ ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى كۇچار، قەشقەر، غۇلجا، تۇرپان، خوتەن، ئاتۇش ۋە لوپنۇر رايونلىرى بۇيىچە رەتلەپ بىر يۈرۈش يەتتە توملۇق كىتاپ ۋە CD ئى ئىشلەپ چىقىشنى پىلانلىغان ۋە ئىشقا كىرىشكەن ئىدى. ئۇ ئارىمىزدىن كەتتى، ئەمما ئۇنىڭ خاتىرىسى ۋە پۈتمەس-تۈگىمەس مۇزىكا بايلىقىغا ئىگە بولغان ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ رەتلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ باشلىغان ئىشلىرى توختاپ قالماسلقى كېرەك، مەن ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت يارىتىشقا تەييارمەن". (يالقۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.