كۈرەش كۆسەن ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى


2007.10.29

بۈگۈن -29ئۆكتەبىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ، تونۇلغان سەنئەتكار مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ بىر يىل تولغان كۈنى . بۇ كۈنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان ،ئارزۇ ‏- ئارمانلىرىغا دىلكەش بولغان يالقۇنلۇق ئاۋازى، خەلقنىڭ ھەسرىتىگە مەلھەم بولغان ئۈمىدلىك مۇزىكىلىرى مەڭگۈلۈك توختىغان ئىدى.

بۇ كۈنى ئۇنىڭ مۇسىبىتىگە جۆر بولغان مىليونلىغان ئۇيغۇر خەلقى يۈرەك باغرىدىن ئېتىلىپ چىققان مۇڭ-قايغۇلىرى بىلەن ماتەمدە بولغان ئىدى. ئۇ جان ئۈزگەن بۇگۈنكى بۇ خاتىرە كۈندە ئۇنىڭ ئۇرۇق -تۇغقانلىرى ۋە بىر قىسىم يېقىنلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تالاۋىتى قىلىۋاتىدۇ.

مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ئەپەندى قۇرئان قىرائىتىنىڭ ئادەم ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالىدىغان مۇڭلۇق سېھرىدىن ھۇزۇرلىناتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ياسىن سۆرىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىرائەت قىلاتتى. بەلكىم كىشىلەرگە ئانچە بىلىشلىك بولمىسا كېرەك، مەرھۇم كۈرەش ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا يەنى 1994 ‏- يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر ئىلى دائىرىسىدە تۇنجى قېتىم 30 پارە قۇرئاننىڭ قىرائىتىنى قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى قىلىپ، شاڭخەي ئۈن-سىن نەشىرىياتى بىلەن ھەمكارلىشىپ نەشر قىلدۇرغان ئىدى.

بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى،تارقىتىشنى چەكلىشى سەۋەبىدىن دۇكانلاردا ئوچۇق ‏- ئاشكارا تارقىتىشقا ئىمكان بولمىغان ئىدى. ئۇ نەشر قىلدۇرغان بۇ قىرائەت كاسىتىسى ھازىر ئەل ئارىسىدا قولدىن ‏- قولغا ئۆتۈپ كۆچۈرۈلمەكتە.

مەرھۇم ئەل سۆيگەن ۋە ئەلنى سۆيگەن ۋىجدانلىق بىر ئىنسان ئىدى.گەرچە ئۇ ئارىمىزدىن كەتكىنىگە بىر يىل بولغان بولسىمۇ ، خۇددى ئۇنىڭ قەبرە تېشىغا يېزىلغان "كۆرەش ئۆلدى دېسە كىم ئىشىنىدۇ، مېنىڭ ئۆلۈشۈم تەبىئىي ، ئەمما كۈرەش ئۆلمەيدۇ"دېگىنىدەك ، ئۇنىڭ باشلىغان ئىشلىرى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ. (يالقۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.