كۈرەش كۈسەن ئېيتقاندەك "كۈرەش ئۆلمەيدۇ ..."

0:00 / 0:00
kuresh-kusen-2006-03-14-150.jpg
مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندى 2006 – يىلى 14 – مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنىدە.

سەنئەت ئاسمىنىدىن تۇيۇقسىز ئۆچكەن يۇلتۇز مەرھۇم كۈرەش سۇلتان كۈسەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەدىمىي كۈسەن دىيارى كۇچادا ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بۇ سەنئەت ئوردىسى ئۇنىڭ مەسۇم قەلبىگە سەنئەت ئۇرۇقىنى سالغان ئىدى. ئۇ مۇھەببەتنىڭ، ھەقىقانىيەتنىڭ كۈيچىسى بولۇپ يېتىشكەن ئىدى، ياق، ئۇ ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئۈمىد- ئارزۇلىرىنى، ئاھۇ -زارىنى ھارماي كۈيلىگەن ھۆر بۇلبۇل ئىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا ‏- قىشلاقلىرىغىچە يۈرۈپ جەمئىي 1000 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويغان ئىكەن. ئۇنىڭ "يەرنى ساتماڭلار "، "ئاجراشماڭلار ئاتا‏- ئانىلار"، "ئۇيغۇر قىزى چېچىڭ قېنى" قاتارلىق ناخشىلىرىنى ئاڭلىمىغان ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك.

كۈرەش كۈسەننىڭ سەنئەت ھاياتىنى مەركەز قىلىپ ئەسلەپ ئۆتكىنىمىزدە، ئۇ ناخشىنىڭ ھەتتا تېكىستىدىن مۇزىكىسىغىچە ئۆزى ئىجاد قىلىپ ئىشلەپ، ئۆزى چېلىپ، ئۆزى ئېيتىدىغان شۇنداق ئۇنىۋېرىسال سەنئەتكار ئىدى. ئۇ ناخشا بىلەنلا ئەمەس، كومپوزىتور سۈپىتىدە مۇزىكا ئىجادىيىتى، يەنە شائىر سۈپىتىدە ئۆتكۈر شېئىرلىرى بىلەن خەلقنىڭ بوغۇلغان تۇيغۇسى ھەم ئارزۇلىرىنى تۈرلۈك سەنئەت شەكىللىرى بىلەن ياڭراتتى. پەقەت ئەل ئىچىدىلا ئەمەس ھەتتا دۇنياغا ئاڭلاتتى.

ئەركىنلىك، ھۆرلۈك ھېسسىياتلىرى بوغۇلغان بۇ كۈيچى، ۋەتەن، خەلقىنىڭ ئىشقىدا سايرىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەتەن بېغىدىن ئايرىلىپ، ئەرك ئەللەردىمۇ شاتلانمىدى. چۈنكى ئۇ خەلقىنىڭ ئاھۇ ‏- دەردىنى نەگىلا بارمىسۇن بىللە ئېلىپ يۈردى، ئۇنى ناخشا قىلىپ ئېيتتى، مۇزىكا قىلىپ ياڭراتتى. ئۇ دۇنيا سەھنىلىرىدىمۇ كۆرۈندى، شۋېتسىيىدە دۆلەتلىك ئانسامبىللاردا ئويۇن قويدى. ئۇ ھەر بىر سەھنە، ھەر بىر مەيدان ئويۇن، يات خەلقلەر بىلەن بولغان ھەر بىر ئۇچرىشىشنىمۇ ئۇيغۇرنى، ئۇيغۇرنىڭ سەنئىتىنى، تارىخىنى ھەم ئارزۇسىنى تونۇتۇشنىڭ پۇرسىتى دەپ بىلدى.

كۈرەش كۈسەننىڭ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ سىياسىي ھاياتىنى باشلىغاندىن بۇيان ئىجاد قىلغان "ئىستىقلال مارشى"، "ئۇر ئامېرىكا" ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرغا بېغىشلىغان "رابىيە قادىر " قاتارلىق ئىجادىي ناخشىلىرىدا مىللىي تۇيغۇ، لىرىكىلىق ئاھاڭ ھەمدە جەسۇر سىياسىي ئىسيانكار روھ جىپسىلاشقان ئاجايىپ ئۆزگىچە بىر مېلودىيە شەكىللەنگەن.