ئېسكىلستۇنا شەھىرى شۋېتسىيىدىكى كىچىك بىر شەھەر بولسىمۇ ، بىراق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى كۈرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ نامى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق. ھەتتا ئېسكىلستۇنا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مەدەنىيەت پائالىيىتىدە سۆزگە چىققان بىر ئەرباب كۈرەش كۆسەن ئەپەندىگە يۇقىرى باھا بېرىپ،" پۈتۈن ئېسكىلستۇنالىقلار كۈرەش ئەپەندىدىن پەخىرلىنىدۇ ،ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سەنئىتى ئارقىلىق ئېسكىلستۇنا شەھرىنى پۈتۈن شۋېتسىيىگە جۈملىدىن ئۆزى ئۇيۇن قۇيۇپ بارغان دۆلەتلەرگە تونۇشتۇردى " دېگەن ئىدى.
شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇزاقتىن بېرى ئېسكىلستۇنا شەھرىنى ئىنقىلابنىڭ بۆشۈكى دەپ قاراپ كەلمەكتە .يېقىندا ئېسكىلستۇنا شەھرىدە تارقىتىلغان بىر ئېلاندىن مەلۇم بولۇشىچە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكى شىمالىي ياۋروپانى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بارىدىغان ئويۇن قويۇش پائالىيىتىدە شۋېتسىيىدىكى كىچىك شەھەر بولغان ئېسكىلستۇنا شەھرىنى ئويۇن قويۇش ئوبيېكتى قىلىپ تاللىغان ۋە 8 - سېنتەبىر كۈنىدە مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا خىزمەت قىلغان تىياتىرخانىدا ئويۇن قويۇشنى بېكىتكەن.
ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىچىك شەھەرگە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئويۇن قويۇشىدىكى مەقسىدى نېمە ،بۇنىڭغا شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە جامائىتى قانداق قارايدۇ؟
شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ئابدۇشكۇر سامساق ئەپەندى ۋە دىنىي زات قۇربانجان ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.(يالقۇن)