ياش – ئۆسمۈرلەر تەلىم – تەربىيە كۇرسى ياۋروپادا كېڭەيمەكتە
2006.02.09

گېرمانىيىدە يولغا قويۇلغان ياش – ئۆسمۈرلەر تەلىم – تەربىيە كۇرسى ياۋروپادىكى قوشنا ئەللەرگە كېڭەيمەكتە.
ئۈنۈم بېرىۋاتقان ئەجىر
گېرمانىيىدىكى بۇ كۇرسنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ بۆلۈمى 2005 – يىلى 1 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ يولغا قويغان. ئۇنىڭغا "ئەركىن ئالپتېكىن تەلىم – تەربىيە مەركىزى" دەپ نام بەرگەن. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئەسلىگە سادىق ھالدا يېتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ياش – ئۆسمۈرلەر تەلىم – تەربىيە كۇرسىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە يېزىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخى بىلىملىرى، دىنىي بىلىملەر ھەم ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەت بىلىملىرىدىن دەرس ئۆتكەن.
قىسقىغىنا 6 ئاي ئىچىدە ياش – ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان بۇ دەرسلەردىن ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاتا – ئانىلارنىڭ مەدھىيىسىگە سازاۋەر بولغان. بۇ كۇرسقا ئاتاپ مەخسۇس ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلار تۈزۈلگەندىن سىرت، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن تۈرلۈك ئوقۇشلۇقلار ۋە ھەرخىل دەرسلىك پلاستىنكىلىرى كەلتۈرۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. تۈرلۈك ئىمتىھانلار ۋە مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلىرىنى جەلىپ قىلغان.
ئوقۇتۇش قوشنا ئەللەرگە كېڭەيتىلمەكچى
2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ بۆلۈمى قۇرۇلتاي خىزمەت بىناسىدا ئاتا – ئانىلار يىغىنى چاقىرىپ، پەرزەنتلەرنىڭ تەلىم – تەربىيە مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئاتا – ئانىلارنىڭ ئىلتىماسلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكلىپلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. كۇرسنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە ھەممە بىردەك پىكىرگە كەلگەن. بۇ يىغىندا يەنە، نورۋىگىيە ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يېقىندا ياش – ئۆسمۈرلەر تەلىم – تەربىيە كۇرسىنى يولغا قويماقچى بولغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىنغاندا، ئۇيغۇر ئاتا – ئانىلار ئالقىش ياغدۇرغان.
بىز ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مىللىتىمىزنىڭ مەڭگۈ يوقالمايدىغانلىقىنى ئىمكانىمىز يار بەرگەن بارلىق ۋاسىتىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ دۇنياغا ۋە خىتايغا بىلدۈرىشىمىز كېرەك. مانا شۇنداق مىللىي ھەم دىنىي تەربىيە ئارقىلىق پەرزەنتلىرىمىزنى ھەقىقى ئۇيغۇر سىياقىدا يېتىشتۈرۈپ، ئۇيغۇرنىڭ ئىرادىسىنى نامايەن قىلىشىمىز كېرەك. بىز يوقالمايمىز ۋە يوقىتالمايدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەدەنىيەت – مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مەس`ئۇلى ئالىمجان ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، قوشنا ئەللەردىكى كۇرسلارمۇ ئالدىنقى ئايلار ئىچىدە باشلىنىدىكەن. ئۇلار قوشنا ئەللەردىكى قېرىنداشلىرىنى ئوقۇشلۇق كىتابلار ۋە دەرسلىك پلاستىنكىلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇ كىتابلار گېرمانىيىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ باش مۇقاۋىسىغا شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئېلىنغان. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بەتلىرىگە 1933 – يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەرىتىسى ۋە يەر كۆلىمى ھەققىدىكى بىلىملەر يەرلەشكەن.
مىللىتىمىزنىڭ مەڭگۈ يوقالمايدىغانلىقىنى بارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن دۇنياغا بىلدۈرىشىمىز كېرەك
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى گېرمانىيىدە داۋام قىلىۋاتقان مەشرەپ ۋە ياش – ئۆسمۈرلەر تەلىم – تەربىيە كۇرسىنىڭ ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئاسسىمىلياتسىيىگە قارشى تۇرۇش، ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر خىل چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىشنى تەكىتلىدى. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
"ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئەزىز خەلقىمىز تۈرلۈك زۇلۇملارغا ئۇچرىغاندىن باشقا، يەنە كۈچلۈك ئاسسىمىلياتسىيە بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. خىتايلار مىللىتىمىزنى ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ماسلىشىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. خىتاي تىلى بىلەن يېتىلىشكە ۋە ياشاشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەقىدىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ. دۇنيا جامائىتى بولسا خىتاينىڭ بۇ خىل مەينەت سىياسىتىدىن يىرگىنىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمېتىگە لەنەت ئېيتىۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مىللىتىمىزنىڭ مەڭگۈ يوقالمايدىغانلىقىنى ئىمكانىمىز يار بەرگەن بارلىق ۋاسىتىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ دۇنياغا ۋە خىتايغا بىلدۈرىشىمىز كېرەك. مانا شۇنداق مىللىي ھەم دىنىي تەربىيە ئارقىلىق پەرزەنتلىرىمىزنى ھەقىقى ئۇيغۇر سىياقىدا يېتىشتۈرۈپ، ئۇيغۇرنىڭ ئىرادىسىنى نامايەن قىلىشىمىز كېرەك. بىز يوقالمايمىز ۋە يوقىتالمايدۇ".
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى يەنە مۇنداق دەيدۇ: ياش – ئۆسمۈرلىرىمىزنى لاياقەتلىك ئۇيغۇر سۈپىتى بىلەن يېتىشتۈرۈشنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇجادىلىسىگە زور پايدىسى بار. بىز ئىز باسارلىرىمىزنى مۇتلەق رەۋىشتە مىللىي ئىرادىمىزگە سادىق ھالدا تەربىيىلىشىمىز كېرەك. دەۋايىمىزنىڭ ئىزچىللىقى بىزنى ئاخىرقى غەلىبىگە ئۇلاشتۇرىدۇ. (ئەكرەم)
- ميۇنخېندا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئوقۇش باشلىدى
- ميۇنخېندا ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى كۇرسى ئېچىلدى
- ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار ھېيتلىق پائالىيەتلەردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلىدى
- د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى
- د ئۇ ق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا قارىتىلغان ئىككى خىل ئۆلچىمىنى تەنقىد قىلدى