قايغۇلۇق تەزىيە

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق سەنئەتكارى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ يېقىن دوستى كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى بىزنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، مەرھۇمنىڭ ئانىسىغا، قېرىنداشلىرىغا ھەمدە ھەۋەسكارلىرىغا قاتتىق ئۆكۈنۈش ئىچىدە تەزىيە بىلدۈرىمىز.

جانابىي ئاللاھتىن مەرھۇمنىڭ روھىغا رەھمەتلەر تىلەيمىز.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى