شۋېتسىيىدە 17- سېنتەبىر ئاخىرلاشقان 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان پارلامېنت سايلىمىدا مودېراتلار پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى خەلق پارتىيسى، سېنتېر پارتىيىسىدىن تەشكى تاپقان سولچىلار ئىتتىپاقى ئالدىنقى 74 يىلنىڭ ئىچىدە 65 يىل ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ئوڭچىلار ئىتتىپاقى ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان ئىدى. يېقىندا شۋېتسىيىدىكى لىبېراللار دەپ ئاتالغان خەلق پارتىيىسىنىڭ تور بېتىدىن ۋە شۋېت تىلىدا چىقىدىغان"ئىسلام قوللانمىسى" دېگەن تور بەتلەرنىڭ خەۋەردىن مەلۇم بولۇشچە، شۋېتسىيىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باراۋەرلىك مىنىستىرى نۇيامكو سابۇنى خانىم شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ھەققىدە پارلامېنتقا 10 تۈرلۈك تەكلىپ لاھىيىسى سۇنغان. بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن نويامكو سابۇنى خانىم ئافرىقا بروندىدىن 12 يېشىدا شۋېتسىيىگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تەكلىپ لاھيىھىسىدە مۇنداق دەيدۇ:
"قۇرئاندا بالىلارنىڭ چۈمبەل ئارتىشىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر يوق، بۇ بالىلارنىڭ بالىلىقىنى توسالغۇغا ئۇچۇراتقانلىق . بىر كىچىك قىزچاقنىڭ چۈمبەل ئارتىشى ئۆزىنىڭ چوڭ بولغانلىقىدىن تاشقى دۇنياغا بىشارەت بەرگەندەك بىر ئىش، بۇ بىر خاتالىق.15-ياشتىن تۆۋەن قىزچاقلارنىڭ چۈمبەل تاقىشىنى چەكلەش زۆرۈر. ھۆكۈمەت دىنىي ساۋاق بېرىدىغان ئەركىن مەكتەپلەرگە بېرىدىغان ياردەم پۇلىنى توختىتىشى كېرەك، ھازىر شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان 12% كۆچمەنلەرنىڭ يېرىمى مۇسۇلمان. ئۇلار شۋېتسىيىدە ياشىغان ئىكەن شۋېت تىلىنى ئۆگۈنىشى، شۋېتسىيىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسىنى چۈشىنىشى ۋە خىزمەت قىلىشى كېرەك".
ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن مەلۇم بولۇشچە،يېڭىدىن تەيىنلەنگەن، مۇسۇلمان ئائىلىسىدىن كىلىپ چىقان بۇ مىنىستىرىنىڭ تەكلىپ لايىھسى شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىق پىكىرىنى قوزغىغان. گەرچە بۇ تەكلىپ لاھيىسىنىڭ شۋېتسىيە پارلامىتىدا تەستىقلىنىش ياكى تەستىقلانماسلىقى تېخى نامەلۇم بولسىمۇ شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەگەر بۇ تەكلىپ لاھىيىسى تەستىقلىنىپ قالسا كېلەچەككە بالىلىرىنىڭ دىننى كىملىكىنىڭ تەسىرگە ئۇچۇرشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شۋېتسىيىدىكى سىياسى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ پىكىر بىرىشچە، شۋېتسىيىدىكى سايلامدا سولچىلار ئىتتىپاقىنىڭ غەلبە قىلىشى ياۋرۇپادا باش كۆتىرىۋاتقان سولچىل ئىدىيە خاھىشىنىڭ تەسىرى بولىشى مۈمكىن ئىكەن.يېڭىدىن تەشكىللەنگەن بۇ ھۆكۈمەتنىڭ كىلەچەكتىكى 4 يىلدا يۈرگىزمەكچى بولغان سىياسىتى شىۋېتسىيەنىڭ 70 يىلدىن بۇيان بىر خىل تۇرغۇن ھالەتتە تۇرۇۋاتقان تاشقى دېپلوماتىيە، باج ۋە كۆچمەنلەر سىياسىتىگە يېڭى ئۆزگۈرىشلەرنى ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى زور ئىكەن. چۈنكى شۋېتسىيىدە يېڭىدىن ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان مودېراتلار پارتىيىسى ئۇزاقتىن بىرى شۋېتسىيىنىڭ خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى، باج كەمەيتىشىنى، سودىنىڭ ئەركىن بولۇشىنى ۋە شۋېتسىيىنىڭ شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن.(يالقۇن)