چەئەللەردىكى خىتايلارنىڭ ئەڭ چوڭ تور بېتى ھېسابلانغان دوۋەي تور بەتىدە، "لەي چاڭشىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا تەييارلاندى، لەي چاڭشىڭغا مۇناسىۋەتلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىپ قويدىمۇ؟" ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىقىدىغىنى لەي چاڭ شىڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشى قايتۇرۇلماسلىغى ياكى ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئۆلۈمگە ھوكۇم قىلىنىپ، قىلىنمايدىغانلىغى مەسىلىسى بولماستىن ، بەلكى ئۇ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ يۇقۇرى قاتلام ئەمەلدارلىرى ئىچىدە، قانداق سىياسى كۈرەشنىڭ يۈز بەرىدىغانلىغى ۋە لەي چاڭشىڭنىڭ قايتۇرىلىشىنىڭ، بەئىجىڭدىكى قايسى يۇقۇرى قاتلام گورۇھقا سوغاق كېلىدىغانلىقى يەنە قايسى گورۇھقا بولسا پايدىلىق بولىدىغانلىقى مەسىلىلىرى ئىكەن.
خىتايدا 80 مىليارد يۈەن ئەتكەسچىلىك قىلغان دەپ قارالغان شيامېن يۈەنخۇا شىركىتىنىڭ باشلىقى لەي چاڭشىڭ ئائىلىسى بىلەن كاناداغا كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن ئىدى. بىراق بۇ يىل سېنتەبىر ئېيىدا كانادا ئالى سوت مەھكىمىسى لەي چاڭشىڭنىڭ سىياسى پانالىق تەلىپىنى رەت قىلغانىدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.