0:00 / 0:00
خىتاينىڭ يۇەنخۇ| دېلوسىغا چېتىشلىق ئاساسلىق گۇماندارى لەي چاڭشىڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى يەنە كېچىكتۈرۈلدى. كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا 1999 – يىلدىن بېرى كانادادا تۇرۇۋاتقان ۋە كانادادىكى ھەر دەرىجىلىك سودا مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىقى رەت قىلىنغان لەي چاڭشىڭنى 26 – ماي كۈنى خىتايغا قايتۇرىلىدىغانلىقى، ھەتتا ئۇنىڭ ئايروپىلان بىلىتىمۇ تەييارلاپ قويغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئالدىنقى كۈنى كانادا فېدېرال سوت مەھكىمىسى لەي چاڭشىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇش قارارىنى 31 – ماي كۈنى قايتا كۆرۈپ چىقىدىغانلقىنى بىلدۈردى. بۇ قارار كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ لەي چاڭشىڭنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.