ئامېرىكا ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ "لاما ۋارىسلىرىنى تەيىنلەش بەلگىلىمىسى" گە ئىنكاس قايتۇردى
2007.09.03
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا تىبەت لامالىرىنىڭ ۋارىس تەيىنلەش قائىدىسىنى ئېلان قىلىپ، تىبەتلىك لامالار يېڭى ۋارىس تەيىنلىگەندە چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر ، لامالار ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىنى ئالماي ۋارىس تەيىنلىسە، بۇ " قانۇنسىز " دەپ قارىلىپ، يېڭى لامانىڭ ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. بۇ بەلگىلىمە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
خىتاي تەستىقلىمىغان لامالار "ئىناۋەتسىز"
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى بۇيىچە تىبەتلىك لامالار ۋارىس تەيىنلىگەندە چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈش ۋە تەستىقىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر بۇ ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈش ۋە تەستىقىنى ئالمىسا خىتاي ھۆكۈمىتى، يېڭى تەيىنلەنگەن بۇ لامالارنى " قانۇنسىز" ۋە "ئىناۋەتسىز " دەپ قارايدۇ . شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئەمدى لامالار ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەيىنلىنىپلا قالماي، چەتئەلدىكى دىنىي كۈچلەرنىڭ لاما تەيىنلەشكە ئارىلىشىشى توساپ قېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئاي بېيجىڭدا چاقىرغان تىبەت لامالىرىنىڭ ۋارىس تەيىنلەش مەسىلىسى ھەققىدىكى خىزمەت يىغىنىدا، لامالار ۋارىس تەيىنلىگەندە چوقۇم تىبەت ئاپتونوم رايونىنى ئاساس قىلىش، ئەگەر دالاي لامانىڭ ۋارىسى چەتئەلدە تۇغۇلسا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇنى دالاي لامانىڭ "بۆلگۈنچىلىك" ھەرىكىتىنى توختاتقان ياكى توختاتمىغانلىقىغا قاراپ پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى، ئەگەر " بۆلگۈنچىلىك" ھەرىكىتىنى توختاتمىسا دالاي لاما تەيىنلىگەن ۋارىسنى " ئىناۋەتسىز " دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مۇتەخەسسىسلەر: سىياسى غەرەزلىك بەلگىلىمە
مەركىزى ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ بەلگىلىمىسى تىبەتنىڭ دىنىي، مەدەنىيىتىگە قىلىنغان زىيانكەشلىك، دەپ ئەيىبلىمەكتە. تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى سېرىن فۇنسوك، يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، دالاي لاما ۋە تىبەت لامالىرىنىڭ قايتا تۆرىلىشىنى ئىزدەيدىغان مەخسۇس راھىبلار بارلىقىنى ۋە بۇ ئەنئەنىنىڭ نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "لامانىڭ قايتا تۆرىلىشى يۇقىرىدىن بېكىتىلىدىغان، ئاۋام خەلق تەرىپىدىن سايلىنىدىغان ياكى خالىغان بىر ئادەمنى تەيىنلەپ قويىدىغان نەرسە ئەمەس"دەپ ئاگاھلاندۇردى.
سېرىن فونسۇكنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بەلگىلىمىسى دىنىي ئەركىنلىك پرىنسىپىغا پۈتۈنلەي زىت. ئامېرىكىدىكى خىتاي ئانالىزچى ليۇ شاۋجۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ بەلگىلىمىسى سىياسى غەرەزلىك بولۇپ، بۇ بىر دىنىي سىياسەت ئەمەس، دەپ كۆرسەتمەكتە. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئانالىزىدا " تىبەتتىكى بۇ سىياسەت سىياسىي غەرەزنى چىقىش قىلغان، يەنى بۇ تىبەتتىكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار بىر قالايمىقانچىلىقتىن ئەنسىرەۋاتقانلىقنىڭ بىشارىتى. بۇنىڭدا ئۇلار دالاي لاما ئۆلگەندىن كېيىن، ھەتتا لامانىڭ قايتا تۆرىلىشىدىن كېيىنمۇ ۋەزىيەتنى كونترول قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرىمەكتە "دەيدۇ.
ئا د ئە ك: بۇ بەلگىلىمە دىنىي باراۋەرلىك پرىنسىپىغا خىلاپ
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتتىكى يېڭى دىنىي بەلگىلىمىسى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭلا ئەمەس، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. كومىتېت ئەزالىرىنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى تەيىنلەيدىغان ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم كومىتېت ئەزاسى بولغان بۇ ئورگان 31 - ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ بەلگىلىمە تىبەت راھىبلىرىنى ئۆز دىنىي رەھبەرلىرىنى ئۆزلىرى تاللاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى.
بۇ خىتاينىڭ تىبەت راھىپلىرىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە كىشىلەر قوبۇل قىلالمايدىغان باستۇرۇش سىياسىتى يۈزگۈزىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن. باياناتتا ئەسكەرتىشىچە، بۇ بەلگىلىمە ب د ت نىڭ دىنىي باراۋەرلىك پرىنسىپىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، تىبەت مەسىلىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
بۇ بەلگىلىمە ھۆكۈمەت بىلەن دىنىي گۇرۇھلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ مەھسۇلى
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بەلگىلىمە پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە لامالارنىڭ ۋارىس تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ۋارىس تاللاش مەسىلىسىنى قائىدىلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، دەپ كۆرسەتمەكتە. ئامېرىكىدىكى ئانالىزچى ليۇ شاۋجۇ بولسا بۇ بەلگىلىمە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دىنىي گۇرۇھلار ئارىسىدىكى سۈركىلىش كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ مەھسۇلى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ليۇ'نىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئەگىشىپ، دىنىي گۇرۇھلار كۈچەيمەكتە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دىنىي گۇرۇھلار ئارىسىدىكى سۈركىلىش جىددىيلەشمەكتە. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، "مەيلى بۇددا دىنىي ياكى خرىستيان دىنىنىڭ بولسۇن ھۆكۈمەت بىلەن سۈركىلىش ئەھۋالى ئېغىر. ئەگەر خىتاي ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قانچىلىك كۈچەيتسە، بۇ دېگەنلىك دىنىي ساھەدە شۇنچىلىك جىددىي رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، دېگەنلىكتۇر. شۇڭا بۇ ساھەدىكى كونترولنى شۇنچىلىك جىددىيلەشتۈرمەكتە."
دالاي لاما بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا لاما تاللاش مەسىلىسىدىكى توقۇنۇش دالاي لاما 1995 - يىلى 6 ياشتىكى گېدۇن چۈيجى نيىمانى 10- بەنچەن لامانىڭ ۋارىسى، دەپ ئېلان قىلغاندا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ئۆسمۈر پەنچەن لامانىڭ نەزەربەنت قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولدى. دالاي لاما تىكلىگەن 11- بەنچەننى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان خىتاي ھۆكۈمىتى، شۇ يىلى يەنە بىر ئۆسمۈرنى 11- پەنچەن لاما، دەپ ئېلان قىلدى. دالاي لاما تىكلىگەن 11 - پەنچەننى 12 يىلدىن بېرى نەزەربەنت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ ،لېكىن ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.
بۇ بەلگىلىمە يېڭى نەرسە ئەمەس
بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە خىتاي تىبەت لامالىرىنىڭ ۋارىس تاللاش ئىشىغا بۇرۇندىنلا ئارىلىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 1 - سېنتەبىردە يولغا قويغان بەلگىلىمە ئەمەلىيەتتە يېڭى نەرسە ئەمەس. ئەنگلىيىدە ياشايدىغان خىتاي يازغۇچى ما جيەن، "لامالارنىڭ ۋارىس تاللاش مەسىلىسى بۇ ھۆججەت تارقىتىلىشتىن بۇرۇنلا كومپارتىيىنىڭ تىزگىنلىشىدە بولۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يېڭى مەسىلە ئەمەس. مەن سىچۈەندىكى چاغلىرىمدا لامانىڭ قايتا تۇغۇلۇش جەريانى ناھايىتى مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، بۇنى تەستىقلاش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم،"دەيدۇ.
تىبەتنىڭ لاما دىنىي ئەنئەنىسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك بىر لاما ئۆلسە، مەخسۇس راھىبلار تىبەت دىنىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرلىرىدىكى بىشارەتلەرگە ئاساسەن ئۆلگەن لامانىڭ ئىز باسارىنى ئىزدەيدۇ ۋە دىنىي دەستۇردىكى بىشارەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆسمۈرنى ئۆلگەن لامانىڭ قايتا تىرىلىشى، دەپ ئېلان قىلىدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تىبەت ھىمايىچىلىرى بىلەن كانادادىكى ئۇيغۇرلار كۆرۈشتى
- دالاي لاما ۋە رابىيە قادىر ھامبۇرگدا
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيە سەپىرى ۋە دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشى
- خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى (2)
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تىبەت ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتتە تىبەتتە قوللانغان 'شىنجاڭ مودېلى' مىللىي زىددىيەتلەرنى ئۇلغايتماقتا
- خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتايدا ئېچىلغان دۇنيا بۇددىزم يىغىنى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭ" دا ئىشلىتىلگەن سىياسەتلىرى تىبەتتە قوللىنىلماقتا
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرماقچى
- تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما قالماقىستانغا قىلغان زىيارىتىنى باشلىدى
- تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلار چىڭخەيدە نامايىش ئۆتكۈزدى
- دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بېيجىڭنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلدى