پورباجىن قەلئەسى ھەققىدە مەلۇمات

2007 - يىلى رۇسىيىنىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەرلەرنىڭ بىرى پورباجىن - لايدىن ياسالغان قەلئە توغرىسىدىكى خەۋەر بولغان ئىدى. بۇ خەۋەر رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرى پورباجىنغا قارىتىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009.12.22

رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پورباجىننى " ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 2 - قاغانى مويۇنچۇر مىلادىيە 7 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا سالدۇرغان بولۇپ، ئۇ قەدىمى ئۇيغۇر قەلئەسىدۇر"دەپ جاكارلىغاندا، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىر - بىرىگە ھاياجان بىلەن خەۋەر يەتكۈزۈشكەن ئىدى.

شۇ ۋاقىتتا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تەرىپىدىن پورباجىنغا تەكلىپ قىلىنغان، رۇسىيىنىڭ سابىق رەئىسى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ پورباجىننى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۇ جايغا بارغان.

توۋا جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن ئايدىز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

توۋا جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئايدىز ئەپەندى مۇنداق دېدى: " 'پورباجىن' توۋا تىلىدىكى بىر سۆز بولۇپ، 'پور' سۆزى توۋا تىلىدا 'لاي' دېگەن مەنىدە، 'باجىن' سۆزى 'ئۆي' دېگەن مەنىدە بولۇپ، 'لايدىن ياسالغان ئۆي' دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. پورباجىننى 7 - ئەسىرلەردە ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە، ئۇيغۇر قاغانى ياساتقان بولۇپ، بۇنداق قەلئەلەردىن توۋا جۇمھۇرىيىتىدە 5 تېپىلدى. ھەممىسىنى ئۇيغۇرلار بىنا قىلغان ئىكەن. ھازىرچە بۇ قەلئەلەردىن بىرى ئۈچۈن تەتقىقات پروگراممىلىرى باشلاندى. ئالىملار بۇ قەلئەلەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ چېگرىسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ چېگرىسى ئەتراپىغا بىنا قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىشماقتا."

پورباجىن قەلئەسىنىڭ ئورنى

ئايدىز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، پورباجىن رۇسىيىنىڭ توۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 1300 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان تېرىخول كۆلىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىكى تۆت گېكتار كېلىدىغان ئارالغا ياسالغان قەلئە ئىكەن. توۋا جۇمھۇرىيىتى رۇسىيە بىلەن موڭغۇلىيە چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر مەيدانى 170 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 310 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە تۇۋالار نوپۇسى 200 مىڭ، رۇسلار 100 مىڭغا يېقىن، قالغانلىرى خاكاس، ئۇكرائىن قاتارلىق مىللەتلەر ئىكەن.

ئالىملارنىڭ قارىشىچە، توۋا تىلى تۈركىي تىللارنىڭ ئۇيغۇر - ئوغۇز گۇرۇپپىسىغا كىرىدىكەن.

پورباجىن قەلئەسى تەتقىقاتى

ئايدىز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، پورباجىن قەلئەسى قەدىمىي بىر خارابە بولۇپ، ئۇنى ئەڭ دەسلەپ 1891 - يىلى رۇسىيىلىك مەشھۇر شەرقشۇناس ئالىم دمىترىي كېلمىن ئېنىقلىغان ۋە پورباجىن قەلئەسىنىڭ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەركىزى شەھىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن ھالىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىكەن.

پورباجىن قەلئەسىنى "ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يازلىق سارىيى" دېگەن قاراشنى تۇنجى قېتىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى مەشھۇر ئالىم سېۋىيان بايتېشتېين 1957 - يىلى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئالىملار ئىنچىكە تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن بۇ قاراشنى تەكىتلىگەن ئىكەن.

پورباجىن قەلئەسى نېمە ئۈچۈن ياسالغان؟

ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" جۇرنىلىنىڭ 2008 - يىللىق 5 - سانىدا، يالقۇن روزى قەلىمى بىلەن يېزىلغان "لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرى" دېگەن ماقالىغا ئاساسلانغاندا، پورباجىن قەلئەسى مويۇنچۇرنىڭ ئايالى نىڭگۇ مەلىكە ئۈچۈن سالدۇرۇلغان. نىڭگۇ مەلىكە خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇنى ئەينى ۋاقىتتا تاڭ سۇلالىسىدا يۈز بەرگەن ئۆڭلۈك سۆيگۈن ئىسيانىنى باستۇرۇپ بەرگەن مويۇنچۈر قاغانغا تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تاڭ سۇزۇڭ خوتۇنلۇققا ھەدىيە قىلىپ بەرگەن ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.