ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيا شتاتىدىكى لىۋېرمو تەجرىبىخانىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان لازىر نۇرى تەجرىبىسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر بارلىققا كەلگەن. بۇ تەجرىبىخانىنىڭ باشلىقى ئالىم ياماموتو ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسى 67 كىلوۋاتلىق لازىر نۇرى قوزغىتىش سەۋىيىسىگە يېتىپ، دۇنيا رىكورتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىدى، يېقىندا ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسىنىڭ لازىر نۇرى سىنىقى 100 كىلوۋاتلىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈلۈشكە ۋە ئۇنى ئەمەلىي ئۇرۇشتا قوللىنىشقا يىل ئەمەس، پەقەت ئايلاپ ۋاقىت قالغان.
ئامېرىكا 2002 - يىلى11 - ئايدا لازىر نۇرى قورالى بىلەن توپ ئوقىنى ھاۋا بوشلۇقىدا پاچاقلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىدى
ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قىسىملىرى 60 - يىللاردىن باشلاپلا، مۇداپىئە ئېھتىياجى ئۈچۈن لازىر نۇرى قوراللىرىنى تەجرىبە قىلىپ كەلمەكتە. 2002 - يىلى 11 - ئايدا، ئامېرىكىنىڭ TRW شىركىتى يېڭى مېكىسكا شتاتىدا ئېلىپ ئېلىپ بارغان بىر سىناقتا، لازىر نۇر قورالى بىلەن توپ ئوقىنى ھاۋا بوشلۇقىدا پاچاقلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كاتيۇشا راكىتالىرىدىن ئېتىلغان ئوقنىمۇ ھاۋا بوشلۇقىدا پاچاقلىدى.
ئامېرىكا يەنە لازىر نۇرى سۈپۈرگىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىدىكى ئېلېكترونلۇق ئەخلەتلەرنى تازىلاش سىنىقى ئېلىپ بېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا ھاۋا قىسىملىرى ئايرۇپىلانغا ئورنىتىلغان لازىر نۇرى سۈپۈرگىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىدىكى ئېلېكترونلۇق ئەخلەتلەرنى تازىلاش سىنىقى ئېلىپ بېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئالىملارنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا ئاللىقاچان ئالەم بوشلۇقىدا ئېلېكترونلۇق ئەخلەتلەرنى تازىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئالەم بوشلۇقىدا تېخىچە لەيلەپ يۈرگەن مىڭلىغان -تۈمەنلىگەن ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەتلەر بار، ئۇنىڭ قايسى بىرى، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئالەم پونكىتىغا ياكى ئوربىتىدا باشقا ئالەم ئەسلىھەلىرىگە ئۇرۇلۇپ كەتسە، ئۇنى زەخمىلەندۈرۈش ئېھتىماللىقىدىن خالى بولۇش قېيىن.
ھازىر كالىفورنىيە شىتاتىدىكى لىۋېرمو تەجرىبىخانىسى يېڭىچە لازىر نۇرى قوراللىرىنى سىناق قىلىشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانماقتا
-- گەرچە ئامېرىكا لازىر نۇرى قوراللىرى تەجرىبىسىدە ناھايىتى زور نەتىجىلەرگە ئىرىشپ كېلىۋاتسىمۇ،-- دەيدۇ كالىفورنىيا شتاتىدىكى لىۋېرمو تەجرىبىخانىسىنىڭ باشلىقى ئالىم ياماموتو ئەپەندى، --- ئەمما، ھازىرغا قەدەر سىناق قىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان لازىر نۇرى قوراللىرى تېخىچە ئۇرۇشتا قوللىنىشقا تازا مۇۋاپىق كەلمەيۋاتىدۇ. ياماموتو ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەرخىل. مەسىلەن، ھازىر خېمىيىلىك ئېنېرگىيە بىلەن قوزغىتىلغان لازىر نۇرى مىليون كىلوۋاتلىق ئىقتىدارغا ئىگە، ئامېرىكا ئاللىقاچان بۇ سەۋىيىگە يېتىپ بولدى. ئەمما بۇنداق قورالنى جايلاشتۇرغان ئەسلىھەنىڭ ھەجىمى چوڭ، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنداق ئەسلىھەنى ئۆزلۈكسىز ھالدا خېمىيەۋىي يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇش كېرەك. شۇڭلاشقا ئۇنى ئۇرۇشتا جەڭ مەيدانلىرىدا قوللىنىش قولايسىز. ئەڭ قولايلىق بولغىنى قاتۇرۇلغان ئىسسقلىقتىن قوزغىتىلغان لازىر نۇرى قورالى. بۇنداق قورالنىڭ ھەجىمى كېچىك، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپچىل، خالىغان جايغا، ھەتتا ئاپتوموبىللارغىمۇ ئورنىتىۋېلىش مۇمكىن. لېكىن تەجرىبە قىلىش جەريانىدا، بۇخىل قورالنى كۆزلىگەن سەۋىيىگە يەتكۈزۈش قېيىن بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئالىم ياماموتو ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر بۇ جەھەتتە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر بارلىققا كەلگەن.
لىۋېرمو تەجرىبىخانسىنىڭ 100 كىلوۋاتلىق لازىر نۇرى قورالىنى ئەمەلىي ئۇرۇشتا قوللىنىشقا ئازلا ۋاقىت قالدى
كالىفورنىيا شتاتىدىكى لىۋېرمو تەجرىبىخانىسىنىڭ باشلىقى ئالىم ياماموتو ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، قاتۇرۇلغان ئىسسىقلىقتىن قوزغىتىلغان نۇر خۇددى ۋېلىسپىتكە ئورنىتىلغان چىراقتىن ياكى يېراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئەسۋابلاردىن ئىككى قۇتۇپلىق لامپىلار ئارقىلىق چاقنىغان نۇرلارغا ئوخشاش، بىر سېكۇنتتا 200 قېتىم دولقۇن تارقىتالايدۇ. 2.5 مىللىمېتىرلىق ھەجىمدىكى جىسىمدىكى قاتۇرۇلغان ئىسسىقلىقتىن قوزغىتىلغان نۇر 25 كىلوۋاتلىق سەۋىيىگە يەتسە، ئۇ 3 سانتىمېتىرلىق پولات تاختىنى 7 سكۇنتتا تىشىۋىتەلەيدۇ. ئەگەر بۇنداق قورال ئۇرۇشتا قوللىنىلسا، باغدات شەھىرىدىكى يول بويلىرىغا كۆمۈلگەن يەرلىك پارتلاتقۇچ بومبىنى ياكى ئېلىپ ماڭىدىغان پارتلاتقۇچنى 5 سكۇنتتىن 15 سكۇنتقىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بايقاپ پاچاقلىيالايدۇ. ئەمما ، ھاۋا بوشلۇقىغا ئېتىلىپ چىققان كاتيۇشا راكىتالارنى 3 -4 كىلومېتىر يىراقلىقتا توسۇپ پاچاقلاش ئۈچۈن 100 كىلوۋاتلىق قوزغىتىلغان نۇر قورالى كېرەك. بۇنداق قورال ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلسا، توپ، راكىتا ئوقلىرىنى ھاۋا بوشلۇقىدا پاچاقلاۋىرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيا شتاتىدىكى لىۋېرمو تەجرىبىخانىسىنىڭ باشلىقى ئالىم ياماموتو ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا ئۇنىڭ تەجرىبىخانسىنىڭ قاتۇرۇلغان ئىسسىقلىقتىن نۇر قوزغىتىش سىنىقىنى 100 كىلوۋاتلىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈشكە ۋە ئۇنى ئەمەلىي ئۇرۇشتا قوللىنىشقا يىل ئەمەس، پەقەت ئايلاپ ۋاقىت قالغان. (قانات)