تالاش-تارتىش ئاستىدا قالغان لېنىننىڭ جەسىتى

0:00 / 0:00
BIO-LENIN-44.jpg
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋىلادىمىر لېنىن موسكۋادىكى قەبرىگاھىدا. AFP

يېقىندىن بۇيان رۇسىيىدە 70 يىل پرولىتارىياتنىڭ داھىيسى دەپ تەرىپلىنىپ، چوقۇنۇلغان ۋلادىمىر ئىلئىچ لېنىننىڭ جەسىتىنى دەپنە قىلىش مەسىلىسىدە قايتىدىن بىر مەيدان مۇنازىرىلەر قوزغالدى.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا مەزكۇر مۇنازىرىگە ھەتتا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنمۇ قوشۇلغان بولۇپ، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

لېنىننىڭ جەسىتىنى دەپنە قىلىش ھەققىدە سىياسەتچىلەر ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى ئۆتكۈر

ۋلادىمىر لېنىننىڭ جەسىتى 1924-يىلىدىن ئېتىبارەن موسكۋا شەھىرىدىكى قىزىل مەيدانغا جايلاشقان لېنىن ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان خاتىرە ئۆيى يەنە رۇسلارنىڭ ئاتىشى بويىچە لېنىن ماۋزولىيىدە ياتماقتا. مەزكۇر لېنىن ماۋزولىيى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلۇغلانغان بولۇپ، موسكۋاغا كەلگەن كىشى لېنىننىڭ قاتۇرۇلغان دىدارىنى كۆرمىدىم دەپ ئېيتىشتىن ئۆزىنى بىئەپ ھېس قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈلگەن، ھەر كۈنى نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ لېنىن ماۋزولىيىنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچىرەتلەردە تۇرۇپ، ئۆز نۆۋىتىنى سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان مەنزىرىنى كۆرۈش مۇمكىن ئىدى.

سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، كوممۇنىزمنىڭ بولۇپمۇ، لېنىن رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن زىيانلىرى ۋە جىنايەتلىرى ھەدەپ پاش قىلىنىشقا باشلىغاندا، جەمىيەتتە لېنىننى ياتقان يېرىدىن تارتىپ چىقىرىپ، يوق قىلىۋېتىش ۋە ئۇنى دەپنە قىلىۋېتىش ھەققىدە مۇنازىرىلەر ئەۋجى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە ئالدىراپ بىر قارارغا كەلمىگەن.

بۇ مۇنازىرىلەر ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ھېچ قاچان توختاپ قالمىغان بولۇپ، لېنىننى دەپنە قىلىش تەرەپدارلىرىغا قارشى مەيداندىكىلەر يەنى لېنىنغا چوقۇنۇش ۋە ئۇنىڭ جەسىتىنى ئۆز ئورنىدا ساقلاپ قېلىش تەرەپدارلىرى ئۆز پىكىرلىرىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

رۇسىيىدىكى ئىنتېرنېت ئۇچۇر مەركىزى www.newsru.com نىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا ،يېقىندا رۇسىيە مەركىزىي فېدېرال رايونىنىڭ باشلىقى گېئورگىي پولتاۋچېنكو لېنىننىڭ جەسىتىنى تۇپراققا دەپنە قىلىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ خېلى كۆپ ئەزالىرى بۇ پىكىرنى قوللىغان. رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىيۇبوف سلىسكا خانىم لېنىننىڭ جەسىتىنى دەپنە قىلىش پىكرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئەڭ ياخشىسى خىرىستىيانلارنىڭ قائىدىسى بويىچە رەسمى دەپنە قىلىشنى كۆرسەتكەن. ئۇ لېنىننىڭ جەسىتىنى يەنىلا قىزىل مەيداندا قالدۇرۇشنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەت بولماستىن بەلكى، ئۇنى بوزەك قىلىش بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى، بۇنىڭ خىرىستىيان ئادىتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن. رۇسىيە پارلامېنتى قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى پاۋېل كراشېننىكوپ بۈگۈنكى رۇسىيە جەمىيىتىنىڭ لېنىننى دەپنە قىلىشقا مۇمكىنچىلىك بېرىدىغانلىقىنى، لېنىننىڭ جەسىتىگە سىياسىي نۇقتىدىن ئەمەس بەلكى ئادىمىگەرچىلىك نۇقتىسىدىن قاراش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۆكتىچى رۇسىيە ئەركىن دېموكراتلىرى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى شۇنىڭدەك كۆپىنچە كىشىلەر تەرىپىدىن رۇش فاشىزىمى بىلەن تەنقىتلىنىۋاتقان ۋلادىمىر ژئىرونوۋسكىي بولسا، قەتئىي تۈردە لېنىننى دەپنە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ھەتتا، "قىزىل مەيداندىن لېنىننىڭ جەسىتىنى ئېلىۋېتىش ھەم كوممۇنىستلارنى چەكلەش كېرەك" دەپ ئېنىق ئېيتقان.

www.newsru.com دا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەنە بىر قىسىم رۇسىيە سىياسىيونلىرى لېنىننى دەپنە قىلىشقا قوشۇلسىمۇ ئەمما، بۇنىڭ تېخى ۋاقتى ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. بۇ پىكىرنىڭ تەرەپدارلىرى پارتىيە ۋە گۇرۇھلارنىڭ ھەم دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشى بويىچە ئالغاندا لېنىننى چوقۇم دىنىي ئادەت بويىچە دەپنە قىلىش كېرەك، رۇسىيە خەلقى ھامان بۇ يولنى تۇتىدۇ، بىراق ھازىر تېخى ۋاقتى ئەمەس بولۇپ، بۇنىڭغا ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىش، بۇنى دەپ خەلق ئىچىدە ئۆزارا زىددىيەتلەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم.

رۇسىيە كوممۇنىستلىرى لېنىننى دەپنە قىلىشقا قارشى

www. newsru.com دىكى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، لېنىننى دەپنە قىلىشقا كوممۇنىستلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى سېغىنىش ئىدىيىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر قاتتىق قارشى بولۇپ، رۇسىيە كومپارتىيىسىنىڭ سېكرىتارى گېننادىي زىيۇگانوپ، لېنىننى دەپنە قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، بۇ ھەقتە رۇسىيە كومپارتىيىسىنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى "جاۋابكارسىزلىق ۋە تەتۈر تەشۋىقات" " پۇقرالارنىڭ ھېسسىياتىنى ھاقارەتلەش" دەپ ئاتىغان. رۇسىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەھبىرى يەنە لېنىننى دەپنە قىلىش تەرەپدارلىرىنىلا ئەمەس مەزكۇر ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرگەن رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىمۇ ئەيىبلىگەن.

لېنىننى نەگە دەپنە قىلىش مەسىلىسى ھەققىدىمۇ تالاش تارتىش مەۋجۇت

رۇسىيە-ئۇكرائىنىيە كۆزىتىش مۇنبىرىنىڭ ئىنتېرنەت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، لېنىننى قىزىل مەيداندىكى ياتقان يېرىدىن ئېلىپ چىقىپ، نەگە دەپنە قىلىش مەسىلىسىدە پىكىر ئىختىلاپ مەۋجۇت بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى سانكىتپېتېر بۇرگ شەھىرىدىكى قەبرىستانلىقتىكى ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىش كېرەك دېسە، لېنىننىڭ تۇغۇلغان يۇرتى ئۇليانوۋسكىي ئوبلاستىدىكى ئەمەلدارلار لېنىننى ئۇليانوۋسك شەھىرىگە دەپنە قىلىش لازىم دەيدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ موسكۋادىكى قەبرىستانلىققا قويۇلۇشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. لېنىننىڭ تېخى ھايات بىر نەۋرە سىڭلىسى ئولگا دىمىترىيېۋنا ئۇليانوۋا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، لېنىننىڭ ئۆزىنى نەگە دەپنە قىلىش ھەققىدە ھېچقانداق ۋەسىيەت قالدۇرمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە لېنىننىڭ ئاللىقاچان دەپنە قىلىنىپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى لېنىننىڭ جەسىتىنى يەنە 100 يىل ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، لېنىن 1924-يىلى ئۆلۈپ، ئۇنىڭ جەسىتى قاتۇرۇلغاندا ھەربىي كىيىم بىلەن ياتقۇزۇلغان بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭغا كاستوم بۇرۇلكا كىيدۈرۈلگەن. مەخسۇس دوختۇرلار ھەر ئۈچ يىلدا ئۇنىڭ كاستوملىرى ۋە گالىستۇكلىرىنى بىر قېتىم ئالماشتۇرىدىكەن. رۇسىيە ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا رۇسىيە تىببىي مۇتەخەسسىسلىرى لېنىننىڭ جەسىتىنىڭ ياخشى ساقلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە يۈز يىلغىچە ھېچ نېمە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. لېكىن، يەنە ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ چىرىشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقى، ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار تارقالماقتا

رۇسىيە لېنىننىڭ دۈشمەنلىرىنى ئاقلىماقتا

رۇسىيە ھۆكۈمىتى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رۇسىيىدە يۈز بەرگەن كوممۇنىستلار بىلەن دېموكراتلار ئارىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا قايتا باھا بېرىپ، ئەينى ۋاقىتتا لېنىن تەرىپىدىن دۈشمەن دەپ قارىلانغان ئاقلارنىڭ گېنېراللىرىدىن كولچاك، دېننىكىن قاتارلىقلارنى ئاقلىدى، يېقىندا گېنېرال دېننىكىننىڭ جەسىتى چەتئەلدىن ئېلىپ كېلىنىپ، ھۆرمەت بىلەن رۇسىيىگە دەپنە قىلىندى. رۇسىيە تارىخچىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش، كوللېكتىپلاشتۇرۇش ۋە خەلق دۈشمەنلىرىنى تازىلاش قاتارلىق تۈرلۈك ھەرىكەتلىرى جەريانىدا يۈز مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىسپاتلاشماقتا. ئۇلار لېنىن ۋە ستالىن قاتارلىقلارنىڭ باش جىنايەتچىلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا، ئەكسىچە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان كىشىلەرنى رۇسىيىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگەن، رۇسىيىنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئاتلانغان ۋەتەنپەرۋەرلەر دەپ قارىماقتا. (ئۈمىدۋار)