7 -مارت كۈنى، سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەل - ئاساد بىلەن لىۋان پرېزىدېنتى ئېمىل لاھۇد سۈرىيىنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە بىر ئارىغا كېلىپ، سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ لىۋاندىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىش ۋاقتىنىڭ مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدە قارار ئالغان.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن ئىككى- ئۈچ كۈنلا ۋاقىت كېتىدىكەن.
رويىتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ نەق مەيداننى كۆرگۈچى بىر كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بېكا ۋادىسىدا كۈزەتكۈچىلىك قىلىۋاتقان سۈرىيىلىك ئەسكەرلەر تاغ ۋادىسىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن يۈك - تاقىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بۇيرۇق كۈتمەكتە ئىكەن.
يەرلىكلەرنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈشكە بولغان قاراشلىرى
بىراق، لىۋاندىكى سۈرىيەپەرەش تەشكىلاتلار سەيشەنبە كۈنى، يەنى 8 - مارت كۈنى سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھازىرچە لىۋىيىدىن چىقىپ كەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلىپ، چوڭ كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بارىدىكەن.
لىۋاندىكى شىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى شەيىخ ھاسان نەسىرۇللاھ ئىزچىل تۈردە، سۈرىيىنىڭ لىۋاندىن ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش ھالىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن دەپ كۆرسەتكەن.
ئاللاھ پارتىيىسى رەھبىرى شەيىخ ھاسان نەسرۇللاھ سۆزىدە يەنە: " بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ، لىۋاندىن چىقىپ كېتىش ھەققىدىكى قارارىنى لىۋاننىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بار، چۈنكى بۇ لىۋاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەكسىنچە بۇ خىل قارارنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىسرائىلىيە ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىشتىن ئىبارەت" دەپ تەكىتلىگەن.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر قىسىم، سۈرىيىلىكلەر، سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ لىۋاندىن چىقىپ كېتىشىنى خالايدىغان لىۋانلىقلارنى، ئۇلار " ياخشىلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرىۋاتىدۇ" دەپ ئەيىپلىمەكتە. سۈرىيىلىكلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيە ئەسكەرلىرى لىۋاننىڭ مۇقىملىقىغا ياردەم بەرگەن بىردىن - بىر دۆلەت بولۇپ، سۈرىيە 2000 -يىلىدىن كېيىن، 60 ٪ ئەسكىرىنى لىۋاندىن قايتۇرۇپ چىققان ئىكەن.
خەلقئارانىڭ، سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ لىۋاندىن چىقىپ كېتىش پىلانىغا قارىتا قاراشلىرى
بۇ ئارىدا ئامېرىكا دائىرىلىرى، سۈرىيىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانىدىن مەمنۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، سۈرىيىنىڭ لىۋاندىن پۈتۈن ئەسكەرلىرىنى يۆتكەپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ لىۋاندىن چىقىپ كېتىشىگە قارشىلىق بىلدۈرىۋاتقان، بىر قىسىم لىۋان تەشكىلاتلىرىنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈشىگىمۇ ئىنتايىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېشەل بارنېر ، پرېزېدىنت بەشار ئەل -ئاسادنىڭ ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىنى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋە مۇھىم دەپ كۆرسىتىپ، " ئامما فرانسىيە سۈرىيىنىڭ بۇ جەھەتتە ئەمەلىي ۋە ھەقىقىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ" دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى بەردى.
ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جەك ستراۋ، سۈرىيىنىڭ ئەسكەرلىرىنى لىۋاندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش قارارىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، سۈرىيە تەرەپنىڭ بىرنچى قەدەمنى تىزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى تەكىتلىدى.
سۈرىيىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانى بويىچە نۆۋەتتە، لىۋان پايتەختى بېيرۇت ئەتىراپىدىكى 5 مىڭ كىشىلىك سۈرىيە قوشۇنى دەسلەپكى قەدەمدە چېكىندۈرىلىدىكەن، بىراق قالغان 14 مىڭ ئەسكەرنىڭ قاچان چىقىپ كېتىشى ئىنىقلانمىغان بولۇپ، فرانسىيە، گېرمانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا، سۈرىيىنىڭ دەرھال پۈتۈن ئەسكەرلىرىنى لىۋاندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلماقتا. (ئەقىدە)