ئېرلاندىيە قەدىمى قەلئەسىدە ياڭرىغان " دىل كۈيى"

0:00 / 0:00
LUE-Dublin4-200.jpg
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى دۇبلىندىكى سەھنىدە. Photo Courtesy of LUE

روزا ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى ئېرلاندىيىنىڭ دۇبلىن شەھرىدىكى قەدىمىي قەلئەنىڭ زالىدا دۇتتار - تەمبۇرلەر بىلەن ئورۇنلانغان "دىلكۈيى" مۇزىكىسى، زالدىكى تاماشىبىنلارنىڭ دىلىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى.

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى دىلكۈيىنى ئورۇنداپ تاماملىغاندا تاماشىبىنلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن ھاياجانلىق چاۋاكلىرىنى ئۇزۇنغىچە توختىتالمىدى ، ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ سىھرىي كۈچىگە قايىل بولغان ھەم ئۇنىڭدىن چەكسىز ھوزورلانغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بىلەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلنىڭ ئېرلاندىيە سەپىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.