ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسسۇللىرى لوندوندا

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسسۇل ۋە مۇزىكا ئۆمەكلىرىنى قۇرۇپ ھەرخىل سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئويۇن قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇپلا قالماستىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنىمۇ ئاڭلاتماقتا.

0:00 / 0:00

بۇلاردىن بىرى لوندوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىدۇر. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچ سائەت 7 دە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا - ئافرىقا ئىنستىتۇتىنىڭ برۇنەي تىياتىرخانىسىدا ئويۇن قويدى.

بۇ كونسېرتتا ئۇيغۇر ۋە ئىنگلىزلاردىن تەركىپ تاپقان سەنئەتچىلەر ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىن نەمۇنىلار كۆرسەتكەندىن باشقا ئۇيغۇر ئۇسسۇلچى قىزلار ئۇسۇل نومۇرلىرىنىمۇ ئورۇندىغان.

ئىككى سائەت داۋام قىلغان بۇ سەنئەت كېچىلىكىگە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى، ئىنگىلىز تاماشىبىنلار ۋە لوندوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 500 دىن كۆپ كىشى قاتناشقان.

بۇ سەنئەت كېچىلىكى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى مەسئۇلى ئېزىز ئەيسا ۋە تاماشىبىنلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.