0:00 / 0:00
ئىشىق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ياۋۇز ئوناي ئەپەندى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورىزم ۋە لوندوندىكى پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
7-ئىيۇل كۈنى لوندوندا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا گۈل مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، لوندوندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.