لوپنۇر چۆللىرىدىن تېپىلغان مۇميالار ھەققىدە تەتقىقات - - غەرب قولۋاقچىلىرى

"نيۇيورك تايمىس" گېزىتى 15 - مارت كۈنى 'موميالارنىڭ ئىگىسى ھەققىدىكى سىرلار' دېگەن مەۋزۇدا بىر ئىلمى دوكلات بېسىلغان ئىدى. بۇ گېزىتنىڭ ياۋروپادا چىقىدىغان سانىدا بۈگۈن يەنە "لوپ چۆللىرىدىكى سىرلارنى ئېچىش - - - - قەدىمقى غەرب قۇلۋاقچىلىرى" دېگەن مەۋزودا بىر ئىلمىي دوكلات بېسىلدى. بۇ ئىلمىي دوكلاتلاردا لوپ چوللىرىدە ساقلىنىپ قالغان بۇنىڭدىن 4 مىڭ يىل بۇرۇنقى موميالار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان يېڭى تەتقىقاتلار بايان قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-03-16
Share
4000-Yilliq-momiya-305.jpg گېرمانىيىنىڭ بېرلىندا ئېلىپ بېرىلغان، 2007-يىلى 14-ئۆكتەبىردىن تارتىپ 2008-يىلى 14-يانۋارغىچە داۋاملاشقان، «يىپەك يولىنىڭ ئەسلى قىياپىتى» ناملىق كۆرگەزمىدە كۆرسىتىلگەن، ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان، 4000 يىللىق تارىخقا ئىگە مۇمىيا.
AFP Photo

"نيۇيورك تايمىس" گېزىتىدە، مەزكۇر گېزىتنىڭ ئىلىم - پەن سەھىپە يازغۇچىسى نىكولاس ۋايدنىڭ "لوپ چۆللىرىدىكى سىرلارنى ئېچىش - - - - قەدىمقى غەرب قولۋاقچىلىرى" دېگەن ماۋزۇدا يېزىلغان ئىلمىي دوكلاتى ئېلان قىلىندى. بۇ دوكلاتتا لوپنۇر چۆلىدىكى بۇنىڭدىن 4 مىڭ يىل بۇرۇنقى بىر قەبرىستانلىقنىڭ نەق مەيداندىن تارتىلغان فوتو سۈرىتىمۇ بىللە كۆرسىتىلگەن.

 تۆت مىڭ يىل بۇرۇنقى موميالارنىڭ مۇھىتى ھەققىدىكى تەسۋىرلەر

... خىتاي بىلەن تىبەت ئارىلىقىدىكى خىتايلار 'يېڭى چېگرا' دەپ ئاتايدىغان رايوندىكى بىپايان جەزىرىلەردە، بۇنىڭدىن 4 مىڭ يىل بۇرۇنقى ئاھالىلىلارنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى بولغان موميالار ساقلىنىپ تۇرماقتا،... دەپ ئىلمىي دوكلاتىنى باشلايدۇ ئاپتور،... دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چۆللەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدىغان بۇ بىپايان جەزىرىدە ئىز قالدۇرغان قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ قاڭشىرى ئېگىز، چېچى قوڭۇر. ئۇلارنى زامانداشلىرى قولۋاقلارغا سېلىپ دەپنە قىلغان قەبرىستاندا زىچ تىكلەپ قويۇلغان ئېگىز خادا ياغاچلار بار. قەبرە بەلگىسى بولغان بۇ خادىلاردا ئەۋلادلارنىڭ پەرقلەندۈرۈشى ئۈچۈن قالدۇرۇلغان ئويما بەلگىلەر بار.
 
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، تارىختا ئاللىقاچان ئىز - دېرەكسىز يوقالغان بۇ قەدىمقى گەۋدىلەرنىڭ ئىسمى، گۇرۇپپا مەبەسى ۋە ئېتنىك كىملىكى تېخىچە بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن قالغان نۇرغۇن بەلگىلەر، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى كىم، تۇرمۇش شەكلى قانداق ئىكەنلىكىدىن ئېنىق بىشارەت بەرمەكتە.

بۇ چەكسىز چۆل - جەزىرىدىكى قەبرىستانلىقلار ئىچىدىن، خىتاي ئارخېئولوگلىرى قازغان بىر قەبرىنىڭ نامى "كىچىك ئېقىن 5 - نومۇرلۇق قەبرە"، دەپ ئاتالغان. بۇ قەبرە تارىم ئويمانلىقىغا تۇتىشىدىغان جايدىكى بىر قەدىمقى ئېقىن بويىدا، سۈرلۈك قۇم دۆڭلىرىنىڭ ئارىسىدا قالغان جايدا. بۇ جاي قەدىمقى يىپەك يولىدىكى بىر يۇرت ئىدى. ئەينى زاماندا تەكلىماكان كېڭىيىپ بۇ جايغا يەتكەن ۋە بۇ جايدىن جەنۇبقا ھالقىپ ئۆتۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، بۇ جايدا ياشىغان ئىنسانلارنى مۇھىت قارشى ئالمىغان.

ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي توقۇنۇش كۆلەڭگىسى شارائىتىدىكى تەتقىقات

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، تۆت مىڭ يىل بۇرۇنقى موميالار تېپىلغان بۇ زېمىندا، ئاللىقاچان تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ئىدى. يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيان بۇ جايغا خىتاي كۆچمەنلىرى كېلىشكە باشلىدى.

يېقىنقى يىللاردا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا سىياسىي جىددىيلىك پەيدا بولغاندىن كېيىن، خىتايلار دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەبەسىنى ياۋروپالىقلار بىلەن سىبىرىيىلىكلەر ئارىلاشقان تىپ، بۇلار ھازىرقى خىتاي تېررىتورىيىسىگە چەتتىن كەلگەن، دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.

كاربون 14 بىلەن تەكشۈرگەندە، "كىچىك ئېقىن" دېگەن جايدىن تېپىلغان 'كروران گۈزىلى' دەپ ئاتالغان موميانىڭ بۇنىڭدىن 3980 يىل بۇرۇنقى گەۋدە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى. بۇ رايوندىن قېزىۋېلىنغان 200 دەك موميانىڭ ھەممسىنىڭ چىرايى غەرب ئەللىرىدىكى چىرايلار بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىمۇ بىر پاكىت. ئەمما شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىرسىيەتشۇناسى لى جىن 2007 - يىلى 'كروران گۈزىلى' دەپ ئاتالغان موميانىڭ قان تېپى شەرقىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيالىقلارغا تەۋە، دەپ جاكارلىدى.

 غەرب مۇتەخەسسىسلىرىمۇ تەتقىق قىلىۋاتىدۇ

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ رايوندىن تېپىلغان موميالار ھەققىدىكى دوكلاتلاردا كۆرسىتىلگەن پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، لوپنۇر چۆللىرىدىن تېپىلغان موميالارنىڭ تەئەللۇقلىرى ئىچىدە كىگىز تۇماق، ئاشلانغان تېرىدىن تىكىلگەن ئۆتۈك، يۇڭ يىپتا توقۇلغان پۆپۈكلۈك كۆينەك قاتارلىقلارنىڭ ھۈنەر - سەنئەت ئەنئەنىسى، شۇنداقلا قەبرىستاندىكى خادا ياغاچلارغا ئويۇلغان بەلگىلەر شىمالى ياۋروپادىكىگە ئوخشاش. ئۇلار قوللانغان قولۋاقلار شىمالى ياۋروپالىقلار قوللانغان قولۋاقلار بىلەن ئوخشاش. بۇ رايوندا ئەۋج ئالغان قولۋاققا سېلىپ دەپنە قىلىدىغان ئۆرپ - ئادەتمۇ، شىمالى ياۋروپانىڭ مىس قورال دەۋرىدىكى دەپنە قىلىش ئۆرپ - ئادىتى بىلەن ئوخشاش.
 
شۋېتسىيىلىك ئارخېئولوگ فولك بېرگمان 1934 - يىلى، كىچىك ئېقىن دېگەن جايدىكى قەبرىستانلىقىنى قايتىدىن تېپىپ، قېزىپ تەتقىق قىلغان كېيىن، 60 نەچچە يىل ئۆتكەندە، خىتاي ئارخېئولوگلىرى 2003 - يىلى، گپس ئارقىلىق (يەر شارىدا نۇقتا بەلگىلەش سىستېمىسى) شۇ ئورۇننى قايتىدىن تېپىپ قېزىش ئېلىپ باردى. كۆپىنچە مۇتەخەسسىسلەر تارىم ئويمانلىقىدا بۇنىڭدىن 4 مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان ئىنسانلارنى ھىندى - ياۋروپا تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان ئاھالىلار ئىدى دەپ قارىماقتا. ئەمما مىلادى 400 - يىللاردىن كېيىن بۇ ئىنسانلار ھەققىدە ئۇچۇر يوق، بۇ يەنە بىر سىر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت