ئىخلاس - ساداقەت رەمزىدۇر

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا " ئىخلاس باغلاش، ئىخلاس قىلىش، ئىخلاسمەن، ئىخلاسلىق"دېگەنگە ئوخشىغان سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلاردا ئىخلاسنىڭ قانچىلىك ئورنى ۋە قەدىر - قىممىتىنىڭ بارلىقىنى بىلىش ئانچە قېيىن ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئىخلاس بىلەن ئىش قىلغۇچىلارنى ياقتۇرىدىغان ۋە ھەر ئىشنى ئىخلاس بىلەن قىلىدىغان خەلىقتۇر.

ئىخلاسنىڭ مەنىسى

ئىخلاس - لۇغەتتە بىر نەرسىنى باشقىسىدىن تاللاپ ئايرىش، ئىلغاش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئىستىمالدا ئىخلاس ھەر ئىشنى گۈزەل نىيەت، ساپ قەلب بىلەن قېتىرقىنىپ قىلىش دېمەكتۇر. ئىخلاس قەلب قېتىدىن كەلگەن سەمىمىي سۆيگۈ بىلەن كۆرسىتىلگەن ساداقەتتۇر. ئىخلاسنىڭ ئەكسى رىيا (يەنى ئەمەللەرنى كۆز بويامچىلىق ئۈچۈن قىلىش)دۇر.

ئادەم بالىسىنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ۋە ماددىي، مەنىۋىيىتىگە كېپىللىك قىلالايدىغان ئىخلاستىن بۆلەك ئىككىنچى بىر خىسلەت يوقتۇر. بىراۋنىڭ ئىخلاسىنى قازانماق ھەقىقەتەن مۇھىم بىر ئىشتۇر. چۈنكى زەررىچىلىك ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ئىش، ئىخلاسسىز قىلىنغان مىڭلارچە ئىشتىن ئەلادۇر.

ئىخلاسنىڭ ئەھمىيىتى

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم ئىخلاسنىڭ ئەھمىيىتى ۋە زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" ھەر قانداق بىر ئىشتا ئىخلاس تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىلىم تەھسىل قىلىشتا، ئەمەل - ئىبادەت قىلىشتا، يېتىم - يېسىرلارغا ياردەم قىلىشتا، ھالال رىزق ئۈچۈن ئىشلەشتە ئىخلاس باغلاپ ئىش قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئۆزىگە لايىق ئىخلاسى باردۇر، مەسىلەن: سەمىمىي ئىخلاس بىلەن باغلانغان مۇھەببەتنىڭ بىر زەررىسى، بېرەر مەنپەئەت يۈزىسىدىن باغلانغان مىڭلارچە مۇھەببەتتىن ئەلۋەتتە چوڭ ۋە قىممەتلىكتۇر. چىن مۇھەببەتنى كۆرۈشنى خالىغان كىشى ئانىلارنىڭ تەبىئىتىگە قارىسا بولىدۇ.

ھەقىقىي خالىس مۇھەببەتكە ئانىلار سازاۋەردۇر. ئۇلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان جاپا - مۇشەققەتلەرنى تارتىپ، چىن دىلىدىن بالىلىرى ئۈچۈن كۆيۈپ - پىشىپ، ئۇلارنى چوڭ قىلىدۇ. لېكىن ئۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن بالىلىرىدىن بېرەر مۇكاپات ياكى سوۋغا -سالام تاما قىلمايدۇ، بېرەر پايدا كۆزلىمەيدۇ. ئادەممۇ بىرەر نەرسىگە ئىخلاس قىلغان ئىكەن، شۇنداق چىن ئەقىدە ۋە سۆيگۈ بىلەن ئىخلاس قىلغاندىلا، غەلىبىگە ئېرىشەلەيدۇ."

ئەمەللەر كۆپلىكى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ

مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، كۆمۈر كىلوگرام، ھەتتا توننىلاپ، ئالتۇن بولسا گراملاپ تارتىلىدۇ. ئىخلاسلىق ئەمەل ئالتۇن بولسا، ئىخلاسسىز ئەمەل كۆمۈرگە ئوخشايدۇ. بۇ مىسالدىن ئىخلاسلىق ئىبادەت بىلەن ئىخلاسسىز ئەمەل- ئىبادەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.

ئىخلاسمەنلەر قىلغان ئىشلىرىنى باشقىلارغا كۆرسەتمەيدۇ

ھەقىقىي ئىخلاسمەن ئادەم ۋەتىنى ئۈچۈن، مىللىتى ئۈچۈن ۋە جىمى ئىنسانىيەت ئۈچۈن قانداقلا بىر ياخشى ئىشنى قىلمىسۇن، ئۆزىنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئالدىراپ قالمايدۇ. بەلكى ياخشى ئىشنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈنلا ئالدىرايدۇ. ئاللاھ تائالامۇ مۇنداق ئىخلاسمەن بەندىلەرنى ياقتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىدۇ.

بىراۋنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ۋە ياخشىلىقلىرى قارىماققا قانچىلىك كاتتا بولۇپ كەتسىمۇ، ئەگەر ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىدا چىن ئىخلاس بولمىسا، ئۇنىڭ ئەجرى ئاسانلا يوققا چىقىدۇ. چۈنكى باشقىلارنىڭ كۆزلىرىنى بوياش ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللەر ئۆزلۈكىدىن نەتىجىسىز قالىدۇ. مۇنداق قىلغۇچىلارنى ئاللاھمۇ ياقتۇرمايدۇ. ئەمما چىن ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ياخشى ئەمەل قارىماققا كىچىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەجرى ۋە نەتىجىسى كاتتا بولىدۇ. (ئۆمەرجان )