خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى تېز ئۆسمەكتە


2004.09.09

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ئاددىي پۇقرالارنىڭ قوبۇل قىلىشى بارغانسېرى تەسلەشمەكتە.

تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ باۋچىڭنىڭ يېقىندا قىلغان "خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پۇل يىغىش سىياسىتى ئانچە مۇكەممەل بولمىسىمۇ، لېكىن ئاساسىي جەھەتتىن مۇۋاپىق" دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، بۇنىڭ خىتايدىكى خەلقلەر ئارىسىدا دەرھال نارازىلىق پەيدا قىلغانلىقى، ھەتتا ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە ئارقا-ئارقىدىن ماقالىلار ئېلان قىلىنىپ، مىنىستىر جاڭ باۋچىڭنىڭ ئاددىي پۇقرالارنىڭ جاپا-مۇشەققىتىنى ھېس قىلالمايدىغانلىقى تەنقىد قىلىنغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.