خىتايدىكى مائارىپنىڭ ئىستىماللىشىشى كىشىلەرنىڭ نەپرىتىنى قوزغىماقتا


2006.03.15

يېقىندا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ شۈمىن "مائارىپ بىر خىل ئىستېمال بولۇپ، بېيدا ۋە چىڭخۇئا قاتارلىق داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ھەممىلا ئادەمنىڭ كىرەلىشى ناتايىن. شۇڭا كىشىلەر ئۆز ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ مەكتەپ تاللىشى كېرەك " دەپ كۆرسەتكەن. ۋاڭ شۈمىننىڭ بۇ دېگەنلىرى جەمئىيەتتە قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئانالىزچىلار خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە مەملىكەت خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەپەندى ۋە كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت توختى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.