خىتايدا، ئوقۇش پۇلى 18 يىلنىڭ ئىچىدە 25 ھەسسە ئۆرلىدى

0:00 / 0:00

12 ‏- يانۋار كۈنى ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتايدىكى ئوقۇش پۇلىنىڭ 18 يىلنىڭ ئىچىدە 25 ھەسسە ئۆرلىگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدا ھازىر، كىشىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن، مائارىپقا سەرىپ قىلىۋاتقان پۇلى ئالىدىغان پېنسىيە پۇلى ۋە تۆلەيدىغان ئۆي ئىجارە پۇلىدىنمۇ كۆپ بولۇپ، ئومۇمىي ئىستېمالىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

مائاش ئىككى ھەسسىدىن جىقراقلا ئۆسكەن، بىراق ئوقۇش پۇلىنىڭ 25 ھەسسە

مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەردە، ئوقۇش پۇلى ئادەتتە يىلىغا 5000 يۈەندىن 10000 يۈەنگىچە بولۇپ، 1989 ‏- يىلدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا، 25 ھەسسىدىنمۇ كۆپرەك ئېشىپ كەتكەن. لېكىن بۇ جەرياندا، شەھەر ۋە بازار ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى پەقەت 4 ھەسسە ئۆرلىگەن. شۇنداقلا تۈرلۈك ئامىللارنى چىقىرىۋەتكەندە، كىشىلەرنىڭ يىللىق كىرىمى پەقەت 2 ھەسسىدىن جىقراقلا ئۆرلىگەن.

خىتاي ئۆسمۈرلەر تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا، كىشىلەرنىڭ ھەممىدىن بەك باش قاتۇرىدىغىنى مائارىپ ھەققى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بانكىغا پۇل قويۇشتىكى ئاساسىي مەقسىدىمۇ "ئوقۇش پۇلىنى توپلاش" ئۈچۈن بولۇپ قالغان.

بۇندىن ئىلگىرى خىتايدا ئېلان قىلىنغان بىر قېتىملىق تەتقىقات دوكلاتىدا "خىتايدىكى مائارىپ چىقىمى، كىرىمى تۆۋەن بولغان پۇقرالار ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بىر يۈككە ئايلاندى" دەپ ئەسكەرتىلگەن. مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتتا يەنە "كۆپ ساندىكى ئائىلىلەرنىڭ نامرات بولۇپ قېلىشى مائارىپ چىقىمىنىڭ ھەدىدىن تاشقىرى يۇقىرى بولغانلىقىدىن" دەپ كۆرسىتىلگەن.

بىر بالىسىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن، بىر دېھقان 14 يىل يېمەي، ئىچمەي ئىشلەيدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ئېلان قىلغان سانلىق ستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا، بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇش پۇلى، تۇرمۇش پۇلى ۋە ياتاق پۇلى بولۇپ بىر يىللىق چىقىمىنىڭ ئۆزى ئاز دېگەندە 7 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن ھەمدە 4 يىللىق ئوقۇش ئۈچۈن، بىر ئوقۇغۇچى ئاز دېگەندە 28 مىڭ يۈەن تۆلىشى كېرەك ئىكەن. بۇ خىل ھېسابلاش بويىچە، بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ 4 يىللىق ئوقۇش پۇلى شەھەر خىزمەتچىسىنىڭ 4 يېرىم يىللىق كىرىمى، دېھقان بىچارىنىڭ 14 يىللىق كىرىمىگە تەڭ كېلىدىكەن.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر زىيالىي، يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇش خىراجىتىنىڭمۇ يىلدىن -يىلغا ھەسسىلەپ ئۆرلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەش ئۈچۈن مەكتەپتىن قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەگەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ئۈچۈن ئالغان قەرز پۇلىنى مەكتەپ پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن تۆلىۋەتمەيدىكەن، مەيلى ئۇلار مەكتەپنى قانچە ئەلا پۈتتۈرۈشىدىن قەتئىي نەزەر، دېپلوم بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بۇ ئالىي مەكتەپ خىزمەتچىسى سۆزىدە يەنە " ھازىر ئۈرۈمچىدە مائارىپ چىقىمى ھەممىدىن يۇقىرى بولۇپ ھەتتا سەھىيە چىقىمى ۋە ئولتۇراق ئۆي ئىجارە چىقىمىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. مەسىلەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزىدىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىللىق ئوقۇش ھەققى دەسلەپتىكى نەچچە يۈز يۈەندىن ھازىرقى 7 - 8 مىڭ يۈەن، ھەتتا 10 مىڭ يۈەنگە ئۆسۈپ كەتتى " دەپ بىلدۈردى.

كۆپلىگەن ئانالىزچىلار "خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ چىقىمىنىڭ بۇ قەدەر يۇقىرى بولۇپ كېتىشى ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا ئاجراتقان پۇلىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يېتەرسىز بولۇۋاتقانلىقىدىن" دەپ تەكىتلەپ، خىتايدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا قالايمىقان پۇل يىغىدىغان ۋە مائارىپنى بازارلاشتۇرۇپ مەكتەپ ئورۇنلىرىنى ئادەم تەربىيىلەش ئەمەس بەلكى سودا قىلىش سورۇنىغا ئايلاندۇرىۋالغانلىقىدەك قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەنقىدلىمەكتە.

مائارىپ چىقىمىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ

ئامېرىكا نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شيا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"خىتاي ھۆكۈمىتى مائارىپقا يېتەرلىك مەبلەغ سالماي ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا بازارلىشىشىغا يول قويغانلىقتىن، كەمبەغەل ئائىلىلەردىكى نۇرغۇنلىغان بالىلار ئوقۇشتىن قالىدىغان ۋە ياكى ئالىي مەكتەپكە كىرەلمەيدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئوقۇشسىز قالغان بۇ بالىلار، دەسلەپتىكى ساۋاتسىزلىقتىن ئاخىرىغا بېرىپ قانۇن بىلمەيدىغان ھەتتا جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق چىقىرىدىغان لۇكچەكلەرگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى بۇ خىل ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر چوڭ تەھدىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتايدىكى مائارىپ چىقىمى ھەققىدە كۆپ قېتىم دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى "مائارىپقا مەبلەغ سېلىشتا، دۇنيانىڭ ئارقىدا قالغان؛ ھەتتا ئەڭ نامرات دۆلەت ئۇگاندانىڭمۇ ئارقىدا قالغان" دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. (مېھرىبان)