ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرى


2007.05.15

ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇيغۇر ئىلى مائارىپىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ھۆكۈمەتكە بىلدۈرۈشكە ئىنتىلسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىدىن ئەندىشە قىلىپ، بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا پىتىنالمايدىكەن. چۈنكى خىتاي دائىرىلىرى ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىر بايان قىلغان ئۆكتىچىلەرنى " بۆلگۈنچى"، " قۇتراتقۇچى" دېگەنگە ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، جازالىغاندىن سىرت ھەتتا تۈرمىلەرگە تاشلايدىكەن.

بىر قىسىم دادىل، جىگەرلىك زىيالىيلارنىڭ كۆز - قاراشلىرى

يۇقۇرقىدەك خەتەرلەرگە قارىماي، ئۇيغۇر مائارىپىدا ۋە جەمئىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىسا، ئىنتايىن يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن يەنە بىر قىسىم زىيالىيلار، يەنىلا ئۆز پىكىرلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلالايدىكەن.

ۋەتەن ئىچىدىكى بىر زىيالىي، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ساھەسىدە يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللار، تەڭسىزلىك شۇنىڭدەك ئىشسىزلىق ئەھۋاللىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چوڭ شەھەر ۋە چەت يېزا ‏- قىشلاقلىرىغىچە، ئۇيغۇر ئاتا ‏- ئانىلار ئارىسىدا پەرزەنتلىرىنى خىتايچە مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا بېرىدىغان ھەرىكەتلەر ئەۋج ئالغان بولۇپ، گەرچە ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ خىتايچە ئوقۇشىنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي مەكتەپلىرىگە ئاسان قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ۋە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئوتتۇرسىدىكى پەرق

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ ئىكەن. بولۇپمۇ ئوقۇتۇش شارائىتى جەھەتتە خىتاي مەكتەپلىرىدە سىنىپلار پاكىز، ئازادە، ئۈستەل - ئورۇندۇقلار ئۆلچەملىك ياسالغان، تەجرىبىخانا ئۈسكۈنىلىرى تولۇق، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى سەرخىل تەييارلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىكى شارائىت ئىنتايىن ناچار ئىكەن. ھەتتا بىر قىسىم ناھىيە ۋە يېزىلاردا بالىلار ئوقۇيدىغان سىنىپ بولمىغاچقا، قىش كۈنلىرى بالىلارغا دەرس بېرىدىغان جاي تېپىلماي قالىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشسىزلىق مەسىلىسى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئەندىشە قىلىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ يەنە بىرى ھېسابلىنىدۇ. ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىشسىزلىق ھەققىدىكى قاراشلىرى قانداق ؟ ئۇيغۇر زىيالىيسى بۇ ھەقتە نېمە دەيدۇ؟ دېگەن سۇئاللار توغرىسىدا ۋە خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئارىسىدىكى پەرق توغرىسىدا توختالغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياۋرۇپا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش كاتىپى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مائارىپىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلەر ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ ئۆتتى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.