شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇللىرى تۈركىيە دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلدى

2008 ‏ - يىلى 16 ‏ - 17 ‏ - ئۆكتەبىر كۈنلىرى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باش كاتىپى دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللا قاتارلىق مەسئۇللار خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەنى زىيارەت قىلدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2008.10.23
Turk-parlament-maarip-305.jpg 2008 ‏ - ﻳﯩﻠﻰ 16 ‏ - 17 ‏ - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺗﯘﻟﻼﻫ ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻥ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﯞﯗﻟﻼ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻼﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯨﺠﺎﺋﯩﻲ ﻗﯘﺗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﺩﻯ.
RFA Photo / Arslan

زىيارەت جەريانىدا تۈركىيە مىللەت ۋەكىللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، پارتىيە رەئىسلىرى، ئىدارە - ئورگان باشلىقلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان 2008 ‏ - يىللىق شەرقىي تۈركىستان دوكلاتىنى سۇندى.

ئىگىلىشىمىزچە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش كاتىپ دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ تۈركىيە دۆلەت مەجلىس زالىدا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قانچە تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەردى ۋە تۈركىيە ‏ - خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستاننى كۆز ئالدىغا قويۇپ تۇرۇپ مۇناسىۋەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

كېيىن ئۇلار سائادەت پارتىيىسىنى زىيارەت قىلىپ، سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى رىجائىي قۇتان بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەردى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈرك جەمىيەتلىرى ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور، دوكتور ئورخان بىلەن ئۇچرىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان 2008 ‏ - يىللىق شەرقىي تۈركىستان دوكلاتىنى سۇندى.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.