خىتاي زىيالىيلىرى يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە 'پۈتۈن دۇنيا مائارىپ ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ، ئادەم مائارىپ ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىم بىلەن جەمئىيەتنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، دۆلەتنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇ ھەم ئەمەلىيەت. ئەمما خىتايدا كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شارائىتىدا مائارىپ %90 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، بىلىم جەمئىيەتنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئوقۇپ بىلىم ئالغان زىيالىيلار چىرىكلىككە-پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش، دېموكراتىك تۈزۈم تىكلەش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن كوممۇنىست پارتىيە تەرىپىدىن تانكا بىلەن باستۇرۇلدى ۋە ھەرخىل سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر بولسا، كوممۇنىست پارتىيە، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى، پوچتا-ئۇچۇر، باج، يەر-زېمىن، تەبىئىي بايلىق، بانكا ساھەلىرىنى ئۆزىنىڭ مۈلكى قىلىۋالدى. مۇشۇ ساھەلەرگە ئۆزى كەسپ تاللاپ ئوقۇپ يېتىشكەن ئادەمنىڭ كىرەلىشى ۋە بۇ ساھەدە جەمئىيەتنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن ئەمەس' دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
بۇ ھەقتە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇلاھىزىسى ئۆزگىچە. ئۇلار خىتايدىكى مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرغا بولغان تەسىرى ھەققىدىلا ئەمەس، بەلكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن مائارىپنىڭ رولى ئۇيغۇرلاردا قانداق بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىمۇ مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، مائارىپنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى رولىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. چىڭ سۇلالىسىدىن كېيىن، خىتاي مائارىپى غەرب مائارىپىغا باش ئەگكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق ۋاقىت ناھايىتى قىسقا بولدى، غەرىبچە يېڭى مائارىپ خىتايدا يەنىلا ئەنئەنىۋىي قالاق كۈچلەرنىڭ ۋە كوممۇنىزم ئىدىيىسىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچراپ كەلدى.
بولۇپمۇ، 1950 - يىللاردىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنىڭ مۈلكى قىلىۋالغان ساھەلەرگە ئۆزلىرىدىن باشقىلار كىرەلمەيۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مائارىپ خىتايدىكى تەرەققىياتلاردا ناھايىتى زور رول ئوينىغانلىقى بىر پاكىت، پەقەت كونا سوتسىيالىزم كۈچلىرى بۇ يېڭى كۈچلەرگە ئورۇن بوشاتماي كېلىۋاتقان مەسىلە. بۇ جەرياندا، ئۇيغۇرلار تېخىمۇ كۆپ بېسىمغا، بولۇپمۇ مىللىي كەمسىتىشكە، ئىقتىسادىي ئېكسپىلاتاتسىيىگە ئۇچرىماقتا.(ۋەلى)