مالايسىياغا ئوقۇشقا چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئالدانغان

0:00 / 0:00

بىز بۇلتۇر ئۆكتەبىر ئېيىدا، مالايسىياغا ئوقۇشقا چىققان يەنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ نازارىتىگە تەۋە ئورگانلار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتتە بولغان ئىدۇق. ئۇلار بىزگە ئۆزلىرىنىڭ مالايسىياغا كېلىپ بولۇپ مائارىپ ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كانادادا تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى يېقىندا ئۆزىنىڭ مالايسىيا بارغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا مەزكۇر جايدىكى سىتەنفورد ناملىق مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھالدا قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.