د ئۇ ق ۋەكىللىرى مالتادا ئېچىلغان "ياشلار ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادىكى ۋە رايوندىكى تەسىرى" ناملىق يىغىنغا قاتناشتى

0:00 / 0:00

ياۋرۇپا كېڭىشىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن، 2 - ئاينىڭ 24 -كۈنى ياۋروپادىكى مالتا دۆلىتىدە ياشلار پروگراممىسىنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان "ياشلار ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادىكى ۋە رايوندىكى تەسىرى" دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

مالتا ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ۋە قاتناش مىنىستىرى جىسموت ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىنغا، 14 دۆلەتتىكى 40 تىن ئارتۇق ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككى نەپەر ۋەكىلى - دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى قەيسەر ئەپەندى رەسمىي تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن 15 مىنۇتلۇق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى يىغىن ئەھلىگە قويۇپ بەرگەن.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ شۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلار ئاساسىدا تەييارلىغا تەپسىلى خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.