تەھلىكىگە دۇچ كەلگەن ئامېرىكا ھەربىي بازىسى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيت دۈشەنبە كۈنى ، قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەككە يېتىپ كەلدى.

قىرغىزىستاننىڭ "24 سائەت" ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روبېرت گېيت سەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمائىل ئىسساقوف قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، قىرغىزىستان-ئامېرىكا ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى جۈملىدىن رايوننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، روبېرت گېيت مەزكۇر سەپىرى ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن قىرغىزىستاننىڭ بىخەتەرلىك ساھەسى ۋە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىدە يەنە بىشكەكنىڭ ماناس ئايرودرومىدىكى " گەنسى" ناملىق ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى زىيارەت قىلىپ، كوماندىر-ئەسكەرلەر بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بۇ روبېرت گېيت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغاندىن كېيىن قىرغىزىستانغا ئېلىپ بارغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ، ئىلگىرى سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد بىر قانچە قېتىم قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ دەۋرىدە ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ماناس ئايرودرومىدا ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ قارشى-خان ئاباد رايونىدا ھاۋا ئارمىيە بازىلىرى قۇرۇلغان ئىدى.

ھەربىي بازا مەسىلىسى تەھلىكىگە دۇچ كەلدى

روبېرت گېيتنىڭ بۇ قېتىمقى قىرغىزىستان سەپىرىنىڭ مۇددىئاسى ۋە ئارقا كۆرۈنىشى ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا.

نۆۋەتتە، قىرغىزىستان سىياسەت قاتلىمىدا بىر قىسىم كىشىلەر ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ئەسكەرنىڭ بىر نەپەر قىرغىزىستان پۇقراسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، قىرغىزىستان بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا مەزكۇر ئەسكەرنى جازالاش مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا بەزى پىكىر ئىختىلاپلىرى كېلىپ چىققان، يەنى قىرغىزىستان ئەدلىيە دائىرىلىرى بۇ ئەسكەرنى قىرغىزىستاندا سوتلاپ جازالاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نەتىجە بەرمىگەندىن كېيىن بىر قىسىم ئۆكتىچىلەر ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا نىسبەتەن تۈرلۈك سەلبىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ھەتتا ئامېرىكا ئەسكىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ئائىلە -تاۋاباتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم كىشىلەر بىشكەكتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا بازىسىنىڭ تاقىلىشى رۇسىيە بىلەن خىتاينى قىزىقتۇرىدۇ

قىرغىزىستاندا پەيدا بولۇۋاتقان، ئامېرىكىنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرىدىغان تەشۋىقاتلارنىڭ باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىلھاملاندۇرىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. "رېگنۇم" ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان ئاممىۋى بىرلەشمىسى " پۇقرالار يۆنىلىشى" نىڭ رەھبىرى ئەلىشىر ماماسالىيېف " ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ يۈزىنى چۈشۈرىدىغان ئۇچۇر ھەرىكەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى موسكۋانىڭ ئامېرىكىنىڭ چېخىيە ۋە پولشادا قۇرماقچى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىغا نىسبەتەن جاۋاب بېرىش قەدەملىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن مەزكۇر تەشكىلات ئېلان قىلغان ئاخباراتنامىدە.

ماماسالىيېف ئېلان قىلغان ئاخباراتنامىدە ئەركىن سىياسەتچىلەرنىڭ قارىشىغا تايىنىپ، ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ تارقىلىشىغا موسكۋا ۋە بېيجىڭنىڭ قىزىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە " موسكۋا بۈگۈن پۈتۈن چارىلەرنى قوللىنىپ، پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. خىتايلارمۇ بىشكەكتە ئېچىلىدىغان يىغىننىڭ غەربنىڭ دېموكراتىيىسىنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا كىرىشىنىڭ خاتىمىسى بولۇپ قېلىشنى پۈتۈنلەي ئۈمىد قىلىدۇ" دەپ تەكىتلەيدۇ .

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ 2007-يىللىق مۆھلىتى توشۇپ، يەنە داۋاملىق ئۇزارتىلىش مەسىلىسى روبېرت گېيتنىڭ پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېف ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمائىل ئىسساقوف بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىدىكى مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى بولۇشى مۈمكىن.

ماماسالىيېفنىڭ قارىشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا بىشكەكتە ئېچىلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى مەزكۇر ھەربىي بازىسىنىڭ تەقدىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى، بەلكى بۇ مەسىلىدە خۇددى 2004-يىلى قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ يىغىنىدا 'ئامېرىكا بازىلىرىنى تاقاش تەلەپ قىلىنغان' غا ئوخشاش قەدەم بېسىلىشى مۇمكىن.

ئەشۇ قېتىملىق ئاستانا خىتابنامىسىدىن كېيىن، ئۆزبېكىستان رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقىۋەتكەن ئىدى. قىرغىزىستان تەرەپمۇ ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ كىرا ھەققىنى 200 مىليون دوللارغا ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا تاقاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ 150 مىليون دوللارغا ماقۇل بولغانلىقى مەلۇم.

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئامېرىكىنى رايوندىن سىقىپ چىقىرىشقا تىرىشىۋاتامدۇ؟

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى گەرچە ئۆز ھۆججەتلىرىدە ئامېرىكا ۋە ن ئا ت ئو ( شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى) غا قارشى مەۋقەلەرنى ئىپادە قىلمىسىمۇ، لېكىن كۆپىنچە سىياسىيونلار مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ جۈملىدىن بۇنىڭدىكى باشلامچى دۆلەت رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرمەكتە.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بىشكەكنىڭ يېنىدىكى كانتقا رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئورۇنلاشقان بولۇپ، نۆۋەتتە، قىرغىزىستاندا ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ھەربىي بازىلىرىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن . ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قوشنا قىرغىزىستاندا يۈز بېرىۋاتقان دېموكراتىك تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر جۈملىدىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ رايوندىكى دېموكراتىك تەرەققىياتنى قوللىشى ھەم ئىلگىرى سۈرۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىش بىلەن خىتاينىڭ ئەندىشىسىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا ، بېيجىڭ بۇ يەردە ئامېرىكا تەسىرىنىڭ بولۇشنىخالىمايدۇ.

نۆۋەتتە، دۇنيا ئېنېرگىيە مەنپەئەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان مەركىزى ئاسىيا رايونى ئۆز ئالدىغا بىرلىشىپ، يېڭى بىر سىياسىي گەۋدە يەنى مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە، قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى فېلىكس قۇلوف بۇنىڭ ئەكسىچە، قىرغىزىستاننى رۇسىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر ئىدىيىنىڭ ئوخشاشلا ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىگە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. (ئۈمىدۋار)