خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ مانېۋىر ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولغان يوشۇرۇن مەقسەتلىرىمۇ بار


2007.07.24

خىتاي بىلەن رۇسىيە 9 -ئاۋغۇستتىن 17 ‏- ئاۋغۇستغىچە رۇسىيىنىڭ ئۇرال تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان چېليابىنسكى رايونىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئىدى. بۇ مانېۋىرغا قاتناشماقچى بولغان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ تۇنجى قىسمى مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇرپان ۋىلايىتىدىن رۇسىيىگە قاراپ يولغا چىقتى.

خىتايلار بۇ قېتىملىقى مانېۋىرنى، ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مانېۋىرلارغا ئوخشاش يوسۇندا، ئاتالمىش تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى جەڭ قىلىشتىكى ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش دەپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ھالبۇكى، بەزى سىياسىي تەھلىلچىلەر، بۇ مانېۋىرنىڭ باشقا يوشۇرۇن مەقسەتلەرنىمۇ ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ قېتىملىقى مانېۋىرغا خىتاي تەرەپتىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى، ھاۋا ئارمىيىسى، پاراشۇتچى قىسىملىرىنى ئوز ئىچىگە ئالغان 1600 ئەسكەر قاتنىشىدىغان بولۇپ، خىتاي مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنى لەنجۇ ھەربىي رايونىغا تەۋە قىسىملاردىن 300 نەپەرنى تۇرپان ۋوگزالىدىن يولغا سالغان.

ھازىر تەيۋەندىكى چىڭيۈن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ بۇندىن بۇرۇنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەمما ئۇلار ئىشلەتكەن قوراللارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىش سەۋىيىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئەسلىدە بۇ ئىككى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەربىي مانېۋىر ھەم بىر-بىرسىنىڭ ھەربىي قورال ‏- ياراق سەۋىيىسىنى دەڭسەپ بېقىش ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي جەھەتتىمۇ ئىناق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش مەقسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دەيدۇ.

رۇسىيە گېنېرالى: "رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوخشاش رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە"

خىتاي بىلەن رۇسىيە 2005- يىلى شەندۇڭ يېرىم ئارىلىدا 10 مىڭ ئەسكەردىن تەركىپ تاپقان بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەندە، رۇسىيە گېنېرالى يۇرى بالۇيېفسكي، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يەنە مۇشۇنداق بىرلەشمە مانېۋىرلارنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈش پىلانى بارلىقىنى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە بىرلەشمە ھەرىكەتلەرگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش پىكرىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاسىيا ۋاقتى گېزىتنىڭ 2005- يىلىدىكى 26 ‏- ئاۋغۇستتىكى سانىدا بېرىلگەن "مانېۋىرمۇ ياكى سوز ئويۇنىمۇ" تېمىلىق ماقالىدە كۆرسىتىلگەندەك، ھازىر پېنسىيىگە چىققان رۇسىيە گېنېرالى لېونىد ئىۋاشوف، 2005- يىللىقى مانېۋىر ھارپىسىدا مۇخبىرلارغا بۇ خىلدىكى مانېۋىرلارنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى رىقابەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا ھازىرلىق كۆرۈش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ۋە : "رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوخشاش رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە، پەقەت تېررورچىلار ئەمەس، بۇ ئىككى دۆلەت بۇ خىل رىقابەتلەرگە ئورتاق قارشى تۇرۇشى كېرەك" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

بۇ نۆۋەتتىكى مانېۋىر ھەققىدە، يۇقىرىغا ئوخشاش پىكرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئۆز كۈچىنى نامايىش قىلىش غەرىزى يوشۇرۇنغانلىقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى":خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇش"

خىتاي، رۇسىيە ۋە باشقا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىرلىكتە ئۆتكۈزمەكچى بولغان بۇ نۆۋەتلىك مانېۋىر " تىنچلىق بۇرچى 2007" دەپ ئاتالغان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەرگەن سۈرەتلىك خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۇرپاندىن يولغا چىققان خىتاي ئەسكەرلىرى كىيىملىرىگە " تىنچلىق بۇرچى 2007" دېگەن بەلگە تاقىغان ۋە خىتاي بايرىقىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا يولغا چىققان. بىرونېۋىكلار بېسىلغان ھەربىي يۈك پويىزى توختىتىلغان ۋوگزال سۇپىسىدا ئۇيغۇر قىزلىرى ئۇسۇل ئويناپ ئەسكەرلەرنى ئۇزىتىپ قويغان .

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇش جەھەتتە ئورۇنلاشتۇرغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇسىيىنىڭ يەنە بىر مەقسىتى خىتايغا قورال سېتىش

2005- يىللىق رۇسىيە خىتاي بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن " تىنچلىق بۇرچى 2005" مانېۋىرى جەريانىدا ، گەرچە رۇسىيىلىك گېنېراللار مانېۋىرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، رۇسىيىدىكى ئەركىن ئاخبارات ۋاسىتىسى نېزاۋىسمايا گېزىتى " رۇسىيە بىلەن خىتاي 3- دۇنيا ئۇرۇشى ئۈچۈن مەشىق قىلىۋاتىدۇ" دەپ ئەيىبلىگەن ۋە رۇسىيە ئۇچۇن خىتايغا ئىلغار ھەربىي قوراللىرىنى سېتىش ئىمكانىيىتى ھازىرلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئەركىن ئەپەندى رۇسىيىنىڭ خىتايغا قورال سېتىشىنىڭ بۇ قېتىملىق مانېۋىر جەريانىدا رۇسىيە يەتمەكچى بولغان يەنە بىر مەقسەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

بۇ يىللىق مانېۋىر 8- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 17 ‏- كۈنىگىچە داۋام ئېتىدۇ. ئەسلىدە خىتاي بۇ قېتىملىق مانېۋىرغا بارىدىغان ئەسكەرلىرىنى قازاقىستان زېمىنىدىن ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولسىمۇ ، ئەمما قازاقىستان تەرەپ خىتاينىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەسكەرلىرىنى بىۋاسىتە رۇسىيە زېمىنىغا يۆتكىگەن.

ھازىرچە مەزكۇر مانېۋىر ھەققىدە باشقا غەرب دۆلەتلىرى تۈزۈك ئىنكاس قايتۇرمىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.