شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى ئۇيغۇر ئېلىدە


2007.08.10

9‏- ئاۋغۇست كۈنى باشلانغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى ئۈستىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. بەزى سىياسىي ۋە ھەربىي مۇلاھىزىلەر خىتاي بولۇپمۇ رۇسىيە بۇ مانېۋىر ئارقىلىق غەرىبكە بولۇپمۇ ئامېرىكىغا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇ-ئاسىيا دا بۇ رايوندا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان ھەربىي بىر كۈچنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت ديېشسە، يەنە بەزى مۇلاھىزىچىلەر، ئاتالمىش بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە ئەسەبىي دىنى كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەت پىلانى ئىچىگە كىرگۈزگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مانېۋىر ئارقىلىق، ھەم ئۇيغۇرلارغا بىر سىگنال بېرىشنى ھەمدە ئۇيغۇرلار پائالىيەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پائالىيەت دائىرىسىنى تېخىمۇ تارايتىشنى نىشان قىلىدۇ، دېيىشمەكتە.

مانېۋىر باياناتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى تەجىربىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ

9‏- ئاۋغۇست كۈنى رۇسىيىدە چىقىدىغان كومېرسانت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ " تىنچلىق بۇرچى 2007" دەپ تالغان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ رايوندا، 2005‏- يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭغا ئوخشاش قوزغىلاڭلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلدىغانلىقى تەكىتلەنگەن .

مانېۋىرنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدە باشلانغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت تارتىلغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن ": مانېۋىر ئۇزۇندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلانغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا باشلاندى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە يەنى بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە ئەسەبىي دىنىي كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدىكى باياناتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى تەجىربىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ."

بۇ قېتىمقى مانېۋىر چىقىملىرىنىڭ ئاساسلىق قىسىمىنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن مۇلاھىزىدە: "بۇ ئەجەپلىنەرلىك بىر ئىش ئەمەس. " تىنچلىق بۇرچى 2007 " ناملىق ھەربىي مانېۋىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ۋە رايوندا كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ھەربىي ۋە سىياسىي بىر ئىتتىپاققا ئايلاندۇرۇش پىلانىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى ھېسابلىنىدۇ" دېيىلگەن.

خىتاي، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ رايوندا ئىلگىرلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلماقتا

ئاسىيا خەۋەرلىرى تور بېتىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە بولسا،" گەرچە مانېۋىرنىڭ كۆرۈنۈشتىكى نىشانى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا تېررورچىلىققا، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە قورال-ياراق ئەتكەسچىلىكىگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلسىمۇ، لېكىن مانېۋىرنىڭ ئاساسلىق نىشانى سىياسىي" دەپ ئەسكەرتىلگەن.

مۇلاھىزىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ۋە رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ رايوندا ئىلگىرلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلماقتا.

ئەمما مۇلاھىزىدە تەكىتلىنىشىچە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى، ئاتالمىش گۇماندارلارنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇش كېلىشىمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەردىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى باستۇرۇشقا ياردەم بېرىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە. مۇلاھىزىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

پاكىستاندا چىقىدىغان كۈندىلىك ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ كۆپ قۇتۇپلۇقنى تەرغىب قىلىش ئۈچۈن رايوندا قۇرغان ئەڭ مۇھىم تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، لېكىن غەربلىك مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقتىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.