داۋاملىشىۋاتقان ئىككى چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىماقتا
2007.08.14
ھازىر دۇنيادا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئورال تاغلىرىدا باشلىغان 'تىنچلىق 2007' بەلگىلىك بىر ھەربىي مانېۋىرىدىن باشقا، ئامېرىكا تىنچ ئوكياندىكى گۇئام ئارىلىدا باشلىغان 'جەسۇر قالقان 2007' بەلگىلىك يەنە بىر ھەربى مانېۋىر داۋام قىلىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ مانېۋىرنى بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى پىلانلانغان دېيىشكە مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئىككى جايدا داۋاملىشىۋاتقان بۇ ئىككى مانېۋىر، ئەمەلىيەتتە خىتاي، رۇسىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىماقتا.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرىغا دائىر يېڭى ئۇچۇرلار
'مەركىزى ئاگېنتلىقى' نىڭ 13 - ئاۋغۇست كۈنى ئۇرال تاغلىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى سىبىرىيىدىكى چېليابىنسكى رايونىدا ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ئىسسىق ھاۋا كىلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان 30 نەچچە گرادۇسلۇق ئىسسىقتا، مانېۋىرنىڭ سۇ تەمىناتى، قوماندانلىق شىتابى تۇرغان چېباركۇلدىن باشقا جايلاردا، يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن ئۈزۈپ قويۇلغان. مۇخبىرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىر سۇ تەمىناتى مەسىلىسىدىن باشقا دۇچ كەلگەن يەنە بىر قېيىن مەسىلە --- ئۇدۇل كەلگەن جايغا تەرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىق. بۇ ئىككى مەسىلە مۇخبىرلاردىمۇ جىددىيلىك پەيدا قىلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇرال تاغلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ قېتىمقى 'تىنچلىق 2007 ' بەلگىلىك ھەربىي مانېۋىردا، رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 6000 دەك ئەسكەردىن تەشكىللەنگەن پەۋقۇلئاددە قىسىم، ئادەتتە ھاۋا ۋە توپچى قىسىملارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تېررورچىلارنى تازىلاش جەھەتتە مەشق ئېلىپ بارغان. خىتاينىڭ پاراشۇتچى قىسىملىرى دەسلەپتە ھاۋادىن ئوتلاقلارغا سەكرەش مەشىقىگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان. بۇ ھەقتە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى 'بۇلارنىڭ قۇملۇقتا ھەرىكەت قىلىش تەجرىبىسى بار، ئەمما ئوتلاقلاردا ھەرىكەت قىلىشنى ئۆگىنىشىگە يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ' دەپ چۈشەنچە بەرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ مانېۋىرنىڭ رەسمىي ئېتىش مەشىقى 17 - ئاۋغۇست كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئۇرۇشچى ئايروپىلانلار، م -24 بەلگىلىك تىك ئۇچارلار ۋە پاراشۇتچى قىسىملار قاتنىشىدۇ. بۇ كۈندىكى رەسمى مەشىق ئۈچۈن ھازىر ھەرقايسى مەھەللىلەردە ئەسكى تاملار ئاقارتىلماقتا، يوللارغا ئاسفالىت ياتقۇزۇلماقتا. مەھەللىلەر ئارا كىملىك تەكشۈرۈلمەكتە، يەرلىك خەلقنىڭ قولىدىكى ئوۋ مىلتىقلىرىمۇ يىغىۋېلىنماقتا. بۇ جەرياندا خىتاي قىسىملىرى يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشتا ئېغىر تىل توسالغۇسىغا دۇچ كەلگەن.
رۇسىيە ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە
'فرانسىيە ئاگېنتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇرال تاغلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان 'تىنچلىق 2007 ' بەلگىلىك ھەربىي مانېۋىر ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قارىتىلمايدۇ، تەھدىت بولمايدۇ، زىيان سالمايدۇ دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇ كۈنلەردە، رۇسىيىنىڭ ئىككى ئۇزۇن مۇساپىلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانى ئۆزىنىڭ يىراق شەرقتىكى ھەربىي بازىسىدىن 13 سائەت ئۇچۇپ، غەربىي تىنچ ئوكياننىڭ گۇئام ئارىلىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كېلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانلىرى ئالدىنى توسقاندىن كېيىن كەينىگە قايتقان. بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن بۇرۇن، گرۇزىيە دائىرىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى گرۇزىيە تەۋەلىكىگە قارىتىپ بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان ئىدى.
'رويترس ئاگېنتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ناتوغا قارىتا توختىماي تالاش-تارتىش قوزغاش ئارقىلىق، خەلق' ئاراغا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. مەسىلەن، 2 - ئاۋغۇست كۈنى، رۇسىيە شىمالىي قۇتۇپنىڭ دېڭىز تېگىگە رۇسىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى قاداش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شىمالى قۇتۇپتا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنلا، ئوتتۇرا دېڭىزدا رۇسىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قايتىدىن جاكارلىدى. رۇسىيە گەرچە ئون نەچچە يىلدىن بۇيان چېچەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ھالىدىن كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ھەربىي مەشىقىگە قاتناشتى.
ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا گەرچە ئۆزىنىڭ ھەربىي مانېۋىرنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدەك بىركىمگە قارىتىلغان ياكى قارىتىلمىغانلىقىنى جاكارلىمىسىمۇ، --- دەپ مۇلاھىزە قىلىدۇ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا ھەربىي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى لىن چاڭشېن ، --- ئەمما ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي مانېۋىرىدا ئىپادىلەنگەن يۆنىلىش ناھايىتى مۇئەييەن، ئامېرىكا دۇنيادىن بىر نېمىنى يوشۇرغىنى يوق.
--- ئامېرىكا گۇئام ئارىلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي مانېۋىرغا كىچىك لاچىن، نىمىز، ستاننىس قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئاۋىئاماتكا جەڭ سىستېمىسىنىڭ ھەممىسى قاتناشتى، --- دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ بۇ مۇتەخەسسىس، --- بۇ مانېۋىردا 300 دىن ئارتۇق ئۇرۇشچى ئايروپىلان ماھارەت كۆرسەتتى. ئامېرىكىنىڭ گۇئام ھەربىي بازىسىدىكى ئۇرۇشچى ئايروپىلانلار ھازىر 3 سائەتتە ياپونىيىگە، 4 سائەتتە كورىيىگە، 6 سائەتتە ئاۋسترالىيىگە يېتىپ بارالايدۇ. خۇددى مانېۋىرنىڭ باش قوماندانى گېنېرال مايور رىك ئەپەندى ئېيتقاندەك، بۇ چوڭ كۆلەملىك ھەربىي مەشىق ئارقىلىق ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىنى نامايەن قىلماقتا. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋ قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ھەربىي مانېۋىرى ھەققىدىكى ئىنكاسلار
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى ئۇيغۇر ئېلىدە
- " پرېزىدېنت پۇتىن غەربكە قارشى تۇرۇشتا يالغۇز قىلىشى مۇمكىن "
- خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ مەقسىتى نېمە؟
- قىرغىزىستان ساقچىلىرى تەشكىلاتچى تۇرسۇن ئىسلامنىڭ ئوغلىنى تۇتۇپ كەتتى
- رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاندىكى بازىسىدا رېئاكتىپ ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتىشتىكى ئىستراتېگىيىلىك مەقسىتى نېمە؟
- ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چىقىش نۇقتىسى - يىپەك يولىنى قايتا قۇرۇش
- خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ مانېۋىر ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولغان يوشۇرۇن مەقسەتلىرىمۇ بار
- خىتاي خەلقئارا قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش ئورنىنى تىكلەشكە تىرىشىۋاتامدۇ ؟
- " ئىتتىپاق" جەمىيىتى ئۆز پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى
- رۇسىيىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرى داۋاملىق ئاشكارىلانماقتا
- خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتمەكتە
- بۇش -پۇتىن سۆھبەتلىرى