" تىنچلىق بۇرچى" مانېۋىرى كىمگە قارىتىلغان؟


2007.08.15

XU -PUTIN-200.jpg
2007 - يىلى 15 - ئاۋغۇست كۈنى بىشكەكتە، خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ بىشكەكتە پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. Russian President Vladimir Putin (2nd R) shakes hands with his Chinese counterpart Hu Jintao (L) as Afghan President Khamid Karzai (R) looks at them in Bishkek, Kyrgyzstan, 15 August 2007. AFP PHOTO / RIA NOVOSTI / KREMLIN / DMITRY ASTAKHOV

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئالدىمىزدىكى پەيشەنبە كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى باشلاپ، رۇسىيە - خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ چىليابىنسكىي رايونىدىكى ھەربىي مانېۋىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. مانېۋرنىڭ مەقسىدى ۋە نىشانى كىمگە قارىتىلغان ؟ دېگەن سۇئاللار غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كىشىلەر جاۋابىنى تېپىشقا قىزىقىۋاتقان مەسىلىلەردۇر. ئامېرىكا " Wall Street Jornal" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مانېۋىر ھەققىدىكى بىر ماقالىدا بۇ مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلدى.

خىتاي - رۇسىيە ھەربىي ھەمكارلىقى كۈچىيىۋاتىدۇ

ئەگەر پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى چىليابىنسكىدىكى مانېۋىرنى كۆرسە، بۇ 'تىنچلىق بۇرچى 2007،' دەپ نام بېرىلگەن بۇ ھەربىي مانېۋرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، بۇ يەنە شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تىغ ئۇچى چېچەنلەر، ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلامى كۈچلەرگە قارىتىلغان بۇ تۈردىكى ھەربىي مانېۋىرنى كۆزدىن كەچۈرۈشى بولۇپ قالىدۇ.

ئامېرىكا " Wall Street Jornal" گېزىتىدە چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا مانېۋرنىڭ مەقسىدىگە نىسبەتەن كىشىلەردە جىددى سۇئاللار تۇغۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " بۇ مانېۋىر خىتاي - رۇسىيە ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتەمدۇ ؟ ئەگەر بۇ ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتسە، بۇ كىمگە قارىتىلغان ۋە نىمە ئۈچۈن ؟ دېگەن سۇئاللار كىشىلەردە قىزىقىش قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

Wall Street Journal گېزىتىنىڭ " تىنچلىق بۇرچى،" دېگەن ماۋزۇدىكى مەزكۇر ماقالىسىدا، "خىتاي - رۇسىيە ھەربىي ھەمكارلىقى كۈچىيىۋاتامدۇ ؟ دېگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرىشكە توغرا كەلسە، بۇنىڭغا ھەئە، ھەمكارلىقى كۈچىيىۋاتىدۇ، دەپ جاۋاپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ يىلقى رۇسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانېۋىرغا رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردىن 4000 كىشىلىك ھەربىي قىسىم ھەم 100 دانە ئايرۇپىلان قاتناشقان بولۇپ، بۇ سان 2005 - يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرغا قاتناشقان قىسىملاردىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن،" دەپ كۆرسەتتى.

مانېۋىر مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامى كىملىكىگە قارىتىلغان

ماقالىدا دائىرىلەرنىڭ مانېۋىردا كىمگە ۋە نىمە ئۈچۈن ھەيۋە كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ئانچە ئېنىق ئەمەس، دەپ تەكىتلىگەن ئاپتور رىچارد فىشىر، مانېۋرنىڭ نىشانى رايوندىكى ئىسلامى خەلقلەرگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ، "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەسلەپكى چاغلاردا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رايوندا تىنچلىقنى ۋە ھەمكارلىقنى مەقسەت قىلىپ قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋەزىپىسى ھازىر ئۇ قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغدىكى بۇرچىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، رايوندىكى ئېتنىك جەھەتتىن تۈركىي خەلقلەرنى ئاساس قىلىدىغان، ئەنئەنە مۇسۇلمان خەلقلەردە ئىسلامى كىملىكنىڭ كۈچىيىشىنى توساشقا قارىتىلغاندەك كۆرۈنمەكتە."

ئاپتور يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ ئىسلامنى خىتاي ۋە رۇسىيىگە ئوخشاشلا ئۆزلىرىگە تەھدىت، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " ئەگەر خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى قوشقاندا زىمىنى 4 مىليون كۋادرات كىلومېتىرغا يېقىنلىشىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋرو -ئاسىيانىڭ ئىستىراتېگىيىلىك كىندىكى. تەبئىي بايلىقلارغا باي بولۇپمۇ نېفىت ۋە تەبئىي گاز بايلىقىغا باي بۇ زىمىندىكى خەلقلەر، ھىچ بىر زامان موسكۋا ياكى بېيجىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلمىدى. ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىدارە قىلىۋاتقان ھازىرقى ھۆكۈمرانلارنىڭ كۆپ قىسىمى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى بولۇپ، ئۇلار رۇسىيە بىلەن خىتايغا ئوخشاشلا ئىسلامنى تەھدىت، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ئورنى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، چۈنكى رايوندىكى خەلقنىڭ ھەر ۋاقىت ئىسلامغا يۈزلىنىش ئېھتىمالى مەۋجۈت،"دەيدۇ.

مانېۋرنىڭ يەنە بىر مەقسىدى غەربكە قارشى تۇرۇش

DengizMISSILE-200.jpg
ئامېرىكىنىڭ گۇئامدىكى مانەۋەرىدا. 2007 - يىلى 13 - ئاۋغۇست، RIM-7P NATO Sea Sparrow ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلگەن. the US Navy shows a RIM-7P NATO Sea Sparrow Missile being launched from the Nimitz-class aircraft carrier USS Abraham Lincoln (CVN 72) during a stream raid shoot exercise 13 August 2007 in the Pacific Ocean. AFP PHOTO/US NAVY/Jordon R. Beesley

ماقالىدا ئەسكەرتىشىچە، 'تىنچلىق بۇرچى 2007،' دەپ نام بېرىلگەن ۋە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بۇ مانېۋىر، ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا سىياسى مۇقۇمسىزلىققا قارشى تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مانېۋرنىڭ بىردىن-بىر مەقسىدى ئەمەس. مانېۋرنىڭ يەنە بىر مەقسىدىنى موسكۋا بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدىكى غەرب ئەللىرىگە ۋە دېموكراتىيە ئىدىيىسىگە قارشى ھەمكارلىقنىڭ مەھسۇلىدۇر.

ئاپتور رىچارد فىشىۇر، رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى يۈرىي بالۇيېۋسكىينىڭ 7 - ئايدا ئۈرۈمچىدىكى بىر يىغىندا غەرب دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر ئۆزلىرى تېرورچى، دەپ قارىغان تەشكىلاتلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى غەرپتىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەندىشە قىلىشىغا يېتەرلىك سەۋەبلەر بار ئىدى،" دەيدۇ.

رۇسىيە ھەربىي شتاب باشلىقى ئۈرۈمچىدە نىمە دىدى ؟

ماقالىدا ئەسكەرتىشىچە، شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن شتاب باشلىقلار يىغىنىدا رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى يۈرىي بالۇيېۋسكىي، بەزى غەرب دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، "ئۇلارنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنى ۋە ئىدارە - جەمئىيەتلەرنى ئاتالمىش دېموكراتىيىلەشتۈرۈش تەشەببۇسى، رايوندىكى دۆلەتلەردە قالايمىقانچىلىقلارغا سەۋەبچى بولدى،" دەپ ئەيىپلىگەن.

ئاپتور رىچارد فىشىر يەنە ، گەرچە رۇسىيە ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى تىنچلىق بۇرچى، ناملىق ھەربىي مانېۋرنىڭ 3 - بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا 2006 - يىلى خىتاي ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى ئۆزىنىڭ ئاسىيادا ئۆتكۈزگەن بىر ھەربىي مانېۋىرىغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، چىليابىنسكىيدىكى مانېۋىرغا كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلسا، خىتايلارنىڭ رەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇلار يەنىلا بىر - بىرىگە ئىشەنمەيدۇ

ماقالىدا، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى كۈچەيگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يەنىلا بىر- بىرىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "رۇسىيە بۇ مانېۋرنىڭ يەنە بىر ساھىبخانلىقىنى كوللىكتىپ بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسى تەشكىلاتى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بۇ تەلەپنى رەت قىلدى. بۇ رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقنىڭ ئىشەنچسىزلىك ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە،" دەپ تەكىتلىگەن.

ئاپتور يەنە، بۇ تۈردىكى گۇمانخورلۇقلارنىڭ رۇسىيە ۋە رۇسىيە بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ قازاقىستاننىڭ مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان خىتاي قىسىملىرىنىڭ قازاقىستان زىمىنىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن خىتاي قىسىملىرىنىڭ نەچچە مىڭ كىلومېتىر يولنى ئوشۇق مېڭىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.