" تىنچلىق بۇرچى 2007" ناملىق ھەربىي مانېۋىرى ئاياغلاشتى
2007.08.17

بىر ھەپتىدەك داۋام ئەتكەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى "تىنچلىق بۇرچى 2007" ناملىق ھەربىي مانېۋىر 17- ئاۋغۇست جۈمە كۈنى رۇسىيىنىڭ چېليابىنسكى ئوبلاستى تەۋەسىدىكى چېباركۇل مەشىق مەيدانىدا ئاياغلاشتى.
مەزكۇر مانېۋىر 9- ئاۋغۇست باشلانغان بولۇپ، جۈمە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى مانېۋىرنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى كۆزدىن كەچۈرگەن.
پۇتىن: بۇ مانېۋىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا زور رول ئوينايدۇ
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 17- ئاۋغۇست رۇسىيىنىڭ چېباركۇلدىن بەرگەن خەۋىرىدە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، پۇتىن:" بۈگۈنكى ھەربىي مانېۋىر دۆلەتلىرىمىز ئارىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى، خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ، بولۇپمۇ ئەڭ مۇھىمى ئۆز خەلىقلىرىمىزنىڭ ئامانلىقىنى كۈچەيتىشتە ئېلىنغان بىر قەدەم" دېگەن.
پۇتىن يەنە، مەزكۇر مانېۋرنىڭ بۇ رايوندا يۈز بەرگەن ھەرقانداق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشتا زور رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
گەرچە ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ رۇسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ليۇ گۇچاڭ موسكۋادا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا " تىنچلىق بۇرچى 2007" ناملىق مانېۋرنىڭ پەقەت باشقا دۆلەتلەرگە ۋە ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا قارشى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا تەھلىلچىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىملىق مانېۋىرى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئۆز ھەربىي قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ قويۇش تۈسىنىمۇ ئالغان ئىكەن.
شاڭخەي گۇرۇھى ئامېرىكىنى دارىتمىلاپ ئاگاھلاندۇردى
ئالدىنقى كۈنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەخت بىشكەك شەھىرىدە ئاياغلاشقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسى تىلغان ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ باياناتىدا ئامېرىكىغا قارىتا ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىگە ئارىلاشماسلىق ھەققىدە يوشۇرۇن رەۋىشتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن بولۇپ، باياناتتا: " ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكى پەقەت مۇشۇ رايوندىكى دۆلەتلەر ئاساسىدا قۇرۇلغان رايون خاراكتېرلىك تەشكىلات قولىدىلا ئەڭ ياخشى ئىشقا ئاشىدۇ" دېيىلگەن.
دۇنيا بىخەتەرلىكى ئىنستىتۇتىنىڭ ئانالىزچىسى ئىۋان سافرانچۇك:" شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسىي مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى رايون ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكچى" دەيدۇ.
ئەمما رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندىر لوسيۇكوۋمۇ بۇ قېتىملىق ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئامېرىكىغا قارىشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى رەت قىلغان.
ھازىر تۈركىيىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىي تەھلىلچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۇ مانېۋرنىڭ كۆرۈنۈشتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ ماھىيەت جەھەتتىن، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا باشقا بىر كۈچنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، ھەمدە رۇسىيىنىڭمۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشىگە يول قويمايدىغانلىقى ئېنىق شارائىتتا خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىۋېلىش يولىنى تاللىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيىلىك ھەربىي تەھلىلچى رىتوفشكىن مەزكۇر مانېۋىرىنىڭ چوڭ ئۇرۇش مانېۋىرى تۈسىنى ئالمىغانلىقىنى ئەمما، يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەرقايسى دۆلەت ئەسكەرلىرىنىڭ قانداق ماسلىشىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش، بۇيرۇققا ئورتاق بويسۇنۇش ۋە ئۆزئارا چۈشىنىش جەھەتتە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى بۇنىڭ ھەربىيلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوشۇنلىرىنى مانېۋىرغا ئەۋەتكەن
رۇس ھەربىي ئانالىزچىسى، بۇ نۆۋەتلىك مانېۋىرغا قاتناشقا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىدىن يۆتكەلگەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان. مانېۋىر مەيدانىغا رۇسىيە تەرەپ بىر تەقلىدىي يېزا ياساپ چىققان بولۇپ، يېزا ئىچىگە مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە نەچچە ئون تۈتۈن ئائىلە بەرپا قىلغان.
مەزكۇر مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
" تىنچلىق بۇرچى 2007" ناملىق مانېۋىر ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىت ئەپەندى " ئاسىيا ۋاقىت گېزىتىدە"،" شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان" دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ سىياسىي، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادى تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئۆكتىچىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا باستۇرۇشقا يول بەردى دەپ ئەيىبلىگەن.
ئالىم سېيىت ئەپەندى يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرغا، دېموكراتىيىگە، ۋە ھەتتا غەربكە قارشى مۇستەبىت دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى، بۇ تەشكىلاتنى تەشكىل قىلغۇچى ئىككى چوڭ كۈچ: خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلدى
- ھەربىي مانېۋىر ۋە ئولىمپىك بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى
- " تىنچلىق بۇرچى" مانېۋىرى كىمگە قارىتىلغان؟
- داۋاملىشىۋاتقان ئىككى چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىماقتا
- خۇ جىنتاۋ قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ھەربىي مانېۋىرى ھەققىدىكى ئىنكاسلار
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى ئۇيغۇر ئېلىدە
- خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ مەقسىتى نېمە؟
- قىرغىزىستان ساقچىلىرى تەشكىلاتچى تۇرسۇن ئىسلامنىڭ ئوغلىنى تۇتۇپ كەتتى
- رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاندىكى بازىسىدا رېئاكتىپ ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتىشتىكى ئىستراتېگىيىلىك مەقسىتى نېمە؟
- ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چىقىش نۇقتىسى - يىپەك يولىنى قايتا قۇرۇش
- خىتاي خەلقئارا قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش ئورنىنى تىكلەشكە تىرىشىۋاتامدۇ ؟