شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ھەربىي مانېۋىرى ھەققىدىكى ئىنكاسلار
2007.08.13
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ' تىنچلىق 2007 ' بەلگىلىك تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان ئىدى. بۇ مانېۋىر ھازىر رۇسىيىنىڭ ئۇرال تاغلىرى رايونىدا داۋاملىشىۋاتىدۇ. پىلان بويىچە، مەزكۇر مانېۋىرنىڭ باش يېتەكچىسى بولغان كوممۇنىست خىتاينىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى رۇسىيىگە بېرىپ، بۇ مانېۋىرنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزىتىدۇ.
'بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى" نىڭ خوڭكوڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، غەرب ئىستراتېگىيىچىلىرى ھازىر ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقان 'شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى' دېگەن بۇ تەشكىلاتنى، بۇرۇنقى كوممۇنىزم لاگىرىنىڭ 'ۋارشاۋا شەرتنامىسى' دەپ ئاتالغان ھەربىي تەشكىلاتىغا ئايلىنىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ھازىرقى نىشانى ياپونىيە-ئامېرىكا- ئاۋسترالىيە ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت "ئاسىيا ناتوسى"غا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ قارىماقتا.
خىتاينىڭ مانېۋىرى تامامەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان
ياۋروپادا چىقىدىغان غەرب شامىلى ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان مانېۋىرنىڭ قارىتىلمىسى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزدى. ئۇنىڭ قارىشىچە خىتاينىڭ مانېۋىرى تامامەن ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتىلغان.
خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ كۆزلىگەن نىشانىدا پەرق مەۋجۇت
ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمىنىڭ قارىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرىدا ، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ قارىتىلمىسىدا پەرق بار. رۇسىيە بولسا بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر سىياسىي ئىتتىپاق، ھەربىي ئىتتىپاققا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئەللىرى ھەمكارلىقىنىڭ كېڭىيىشىگە تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەسلى قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى نىشانىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتى
ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمىنىڭ قارىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەسلى قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى نىشانىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ھازىرقى نىشانى خەلققە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىغە ئىنتايىن زىيانلىق. خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشى لازىم. ( ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى باشلاندى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى ئۇيغۇر ئېلىدە
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىرى رەسمىي باشلاندى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئۈچىنچى قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى ئۆتكۈزىدۇ
- ئامېرىكا، تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى
- موڭغۇلىيىدە ئامېرىكا قاتارلىق توققۇز دۆلەت بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى
- خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ مەقسىتى نېمە؟
- رۇسىيە خىتاي بىلەن ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشنى رەت قىلغان
- خىتاي ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئىلى ئارقىلىق رۇسىيىگە يېتىپ بېرىپ مانېۋىر تەييارلىقى كۆرمەكتە
- رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاندىكى بازىسىدا رېئاكتىپ ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتىشتىكى ئىستراتېگىيىلىك مەقسىتى نېمە؟
- ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى: ئامېرىكا تەيۋەننى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە
- ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چىقىش نۇقتىسى - يىپەك يولىنى قايتا قۇرۇش