قازاقىستان بىلەن خىتاي تېررورىزىمغا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى


2006.08.21
CHINA-XINJIANG-SECURITY--45.jpg
2000 – يىلى 18 – ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى قازاقىستان چېگرىسىدىكى ئالاتاۋ ئېغىزىدا مەشق قىلماقتا. AFP

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى قازاقىستان - جوڭگو ئەدلىيە دائىرىلىرى ۋە ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ پات يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا رايونىدا تېررورىزىمغا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش نامىدىكى مانېۋىرلار

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 24 - ئاۋغۇستتىن 26 - ئاۋغۇستقىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا ۋە قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا رايونى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مانېۋىرغا "تەڭرى تاغ – 1"، دەپ نام بېرىلگەن. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى، مانېۋىرنى ئىككى دۆلەت ئەدلىيە ۋە ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى تېررورىزىمغا قارشى مانېۋىر، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قازاقىستان بىلەن خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەشكىلات كۈنلۈكى ئاستىدا ئېلىپ بارغان تۇنجى مانېۋىرى ئەمەس.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسى 1996 - يىلى رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستانلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان شاڭخەي كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىدى. ئەينى چاغدا چېگرا مەسىلىسى ۋە ھەربىي قىسىملارنى قىسقارتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بۇ تەشكىلات، 2001 - يىلدىن كېيىن سودا- ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ۋە بىخەتەرلىكنى ئاساس قىلغان رايون خاراكتېرلىك ئورگانغا ئايلاندى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا تېررورىزىمغا قارشى تۇنجى ھەربىي مانېۋىر 2002 - يىلى قىرغىزىستان بىلەن خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. 2003 - يىلى 8 - ئايدا غۇلجىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مانېۋىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كۈنلىكى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى مانېۋىر ئىدى. رۇسىيە بىلەن خىتاي 2005 - يىلى 8- ئايدا سەندوڭدا ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا "تىنچلىق 2005"، دەپ نام بېرىلگەن. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر 2007 - يىلى رۇسىيىدە تېررورىزىمغا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى.

خىتاي ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيىگە يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ دېگۇئاڭ، تەشكىلاتنى كەلگۈسىدە رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ "ھەربىي ئىتتىپاقى ياكى سىياسى گۇرۇھى بولمايدۇ"، دەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، جوڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆنلىكى ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى. ئامېرىكىدىكى بىر جوڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى ليۇ شاۋجۇ، "جوڭگو ئېنېرگىيە ئىستىمالىدا دۇنيا بويىچە 2 - چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. بۇ دۇنيا ئېنېرگىيە سېستىمىسىغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتمەكتە،" دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئېنېرگىيە يولىنىڭ بىخەتەرلىكى جوڭگو ئۈچۈن زور ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

جوڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆنلىكى ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىرگىيە يولىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلماقچى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، غۇلجا ۋە ئالما-ئاتادا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى مانېۋىر قازاقىستان ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا بىخەتەرلىك ۋە ئىككى دۆلەت ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئالغان قارارى بويىچە ئېلىپ بېرىلماقچى. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى مانېۋىرغا ئىككى تەرەپتىن قانچىلىك ئادەم قاتنىشىدىغانلىقىنى ۋە مانېۋىرنىڭ تەپسىلى كۈنتەرتىپىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورىزمنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ يىل 6- ئايدا چاقىرىلغان ئالى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئاخباراتىدا، "دىنىي ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورىزىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ خىل كۈچلەر' گە قارشى كۈرەش بىزنىڭ ئالى ۋەزىپىمىز،" دەپ جاكارلىغان. كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جوڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سىياسى ئۆكتىچىلەر، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى دىنىي زاتلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنى "ئۈچ خىل كۈچلەر،" دەپ باستۇرماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە "ئۈچ خىل كۈچلەر" ئەسلى خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتىدىكى سىياسى ئاتالغۇ بولسىمۇ، لېكىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر بۇ ئاتالغۇنى خىتاينىڭ چۈشەنچىسى بويىچە قوبۇل قىلماقتا. ليۇ شاۋجۇنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بۇ خىل مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشتىكى مەقسىدى "شىنجاڭدا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك تېررورلۇققا ئوخشايدىغان ۋەقەلەر ياكى تېخىمۇ كۈچلۈك مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ياتىدىغان ھەرىكەتلىرىنىڭ پارتىلىشىدىن ساقلىنىشتۇر." ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ خىل ھەرىكەتلەر جوڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە يولىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشى مۇمكىن. ليۇ شاۋجۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن جوڭگو رەھبەرلىك قاتلىمى "ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان نەرسە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك رىقابىتى،" دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان چېگرا لىنىيىسى 1700 كىلومېتىر كېلىدۇ. قازاقىستان چېگرا لىنىيىسىدىكى تالاش تارتىش سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە 1969 - چاغانتوقاي چېگرا توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن قازاقىستان بىلەن جوڭگو سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن قالغان چېگرا مەسىلىسىنى 1999 - يىلى كېلىشىم بويىچە بىر تەرەپ قىلغان. جوڭگو جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 24 - ئاۋغۇست كۈنى باشلىنىدىغان جوڭگو - قازاقىستان تېررورىزىمغا قارشى بىرلەشمە مانېۋىرغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىدىكەن.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.