خەلقئارادا ئېلىپ بېرىلۋاتقان تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش، تېررورچىلارغا تېگىشلىك زەربە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرىنى يوقىتىشنى باھانە قىلغان بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۆز ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققان خەلقلەرنى تېررورىست دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.
بۇنداق تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋە بىر قىسىم پائالىيەتچىلەرنى تېررورچىلار دەپ ئېلان قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا كۆپ قېتىم ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈپ، تېررورچىلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى بارلىقىنى خەلققە كۆز -كۆز قىلدى.
مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، چوڭ تىپتا بىر قېتىم ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن شىنجاڭ ھەربىي رايونى، مانېۋىر ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىنى مۈرەككەپ زىمىندا، تېز سۈرئەتتە ھەركەتكە ئۆتۈپ، جىددى ئۆزگۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت دەپ كۆرسەتتى.
شىنجاڭ تور بېتىنىڭ 29 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئاشكارلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مانېۋېر، ئىگىز -تاغ ،ئويمانلىق ۋە چۆل -جەزىرىلەرگە ئوخشاش جۇغراپىيىلىك تۈزۈلىشى ھەرخىل شارائىتتا، ھەر خىل ھەربىي قىسىملارىنىڭ بىرلىشىپ، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلدىغان مانېۋېر ھىسابلىنىدىكەن.
مانېۋېر ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، مانېۋېر ئۆتكۈزىلىدىغان ئورۇن ۋە شۇنىڭدەك مانېۋېرنىڭ قايسى كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغانلقى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەنلىكتىن بىز بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ھەربىي رايون قوماندانلىق شىتابىغا تېلفۇن باغلىدۇق.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئۇيغۇر بۆلىمىدىن تېلفۇن ئۇرۋاتقانلقىمىزدىن خەۋەر تاپقان قاماندانلىق شىتابىي ئارقا سەپ بۆلىمىنىڭ مەسئۇلى، مەزكۈر مانېۋېرنىڭ قايسى كۈنى ۋە قەيەردە ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سۇئالىمىزنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ ، "مەن بۇنىڭغا ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرەلمەيمەن" دىدى ۋە تېلفۇن تۇرۇپكىسىنى دەرھال قويۇۋەتتى.
مانېۋېر ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن بىز يەنە، شىنجاڭ ھەربىي رايونى تەشۋىقات بۆلىمىگە تېلفۇن باغلىدۇق.
تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ خادىمى، بىزنىڭ قەيەردىن تېلفۇن ئۇرغانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مانېۋېر ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىدىڭلار نىمە، سىلەر مانېۋېرنى قەيەردە ئۆتكۈزىسىلەر دىگەن سۇئالىمىزغا "كەچۈرىسىز، بىز ھەربىي مانېۋېر ھەققىدە سىزگە ھىچنەرسە ئېيتىپ بېرەلميمىز، قەيەردە مانېۋېر ئۆتكۈزىدىغانلىقىمىز ھازىرچە مەخپى" دەپ جاۋاپ بەردى.
بىز يەنە، ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مانېۋېر ھەققىدىكى قارىشىنى بىلىش ئۈچۈن، مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدىن ئاڭلاڭ