مانجۇ تىلى ئۆز يۇرتلىرىدا يوقىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر يۇرتلرىدا تەرەققى قىلىۋاتىدۇ
2007.03.23
"نيۇيورك تايمىس گېزىتى" نىڭ 18 - مارت كۈنىدىكى سانىدا "خەلقئارا ئاۋانگاردلار مۇنبىرى" گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى داۋىد لېگنىڭ "خىتايدا مانجۇلار ئۆز تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتمەكتە" سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئاپتور بۇ ماقالىسى ئارقىلىق بىزگە مانجۇ تىلى ئۆز يۇرتلىرىدا يوقىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر يۇرتلرىدا تەرەققى قىلدۇرىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
82 ياشلىق مانجۇ موماي ئەللەي ناخشىسى ئارقىلىق نەۋرىلىرىگە ئانا تىلىنى ئۆگەتمەكتە
"خەلقئارا ئاۋانگاردلار مۇنبىرى" گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى داۋىد لېگ ماقالىسىنى، خىتاينىڭ شەرقى شىمال رايونىدىكى چىچىخار شەھىرىگە تەۋە سەنجازى دېگەن يېزىدىكى 82 ياشلىق بىر مانجۇ موماينىڭ كاڭدا ئولتۇرۇپ، مانجۇچە ئەللەي ناخشىسى ئېيتىش ئارقىلىق نەۋرىسىگە ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى سىڭدۈرىۋاتقانلىقىنى تەسۋىرلەپ باشلىغان. ئاپتور بۇ مانجۇ موماينى ئۆز يۇرتىدا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىغان.
-مەن مانجۇچە ئەللەي ئەتسەم نەۋرىلىرىم ناھايىتى تىز ئۇخلايدۇ، - دەيدۇ موماي مۇخبىرغا، - نەۋرىلىرىمگە مىنىڭ ئەللەي ناخشام ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئانا تىلى سىڭىۋاتىدۇ. مىنىڭ يەنە قانچە كۈنلۈك ئۆمرۈم قالغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما مەن ئەۋلاتلارغا مانجۇ تىلىنى قانچىلىك ئۆگىتەلىسەم شۇنچىلىك ئۆگىتىمەن، ماڭا ھازىر بۇنىڭدىن ئۆزگە ئىمكانىيەت يوق...
يازغۇچى داۋىد لېگنىڭ بايان قىلىشىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىلشۇناسلىرى ۋە تارىخشۇناسلىرىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ مانجۇ موماي ئۆز يۇرتىدا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى بىلىدىغان ناھايىتى ئاز پىشقەدەملەرنىڭ بېرى. گەرچە خىتاي تىلشۇناسلىرى مانجۇ تىلىنى خىتايدا ئاللىقاچان يوقىتىلىپ بولدى، ھازىر پەقەت ئارخىپلاردا ۋە تاش ئابىدىلەردىلا مەۋجۇت، ئۇنى مۇتەخەسسىسلەرلا چۈشىنەلەيدۇ، دەۋاتسىمۇ، ئەمما مۇشۇ مانجۇ موماي ھازىر يەنىلا نەۋرىلىرىگە ئانا تىل ئۆگىتىۋىتىپتۇ.
خىتايدا باشقا ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنىڭمۇ خۇددى مانجۇ تىلىغا ئوخشاش خىتاي تىلى تەرىپىدىن تۇنجۇقتۇرۇپ يوقىتىلىدىغانلىقى ئېنىق
يازغۇچىسى داۋىد لېگنىڭ بايان قىلىشىچە، چىچىخاردىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى، 20 نەچچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان جاۋ ئەپەندى ئۇنىڭغا خىتايدىكى ھازىرقى تىل مۇھىتىنى تونۇشتۇرۇپ "خىتايدا باشقا ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىنىڭمۇ خۇددى مانجۇ تىلىغا ئوخشاش خىتاي تىلى تەرىپىدىن تۇنجۇقتۇرۇپ پۈتۈنلەي يوقىتىلىدىغانلىقى ئېنىق، ئەمما ئۇ ھازىر پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىدىنلا ئىبارەت" دېگەن.
-مانجۇلار مىلادى 17- ئەسردە خىتاينى بويسۇندۇرغان چارۋىچى مىللەت ئىدى، - دەپ بايان قىلىدۇ يازغۇچى داۋىد لېگ، -مانجۇلارنىڭ سۇلالسى خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان 250 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن خىتايدا مانجۇ تىلى دۆلەت تىلى قىلىنغان. شۇ زامانلاردا خىتاي دۇنيا بۇيىچە ئەڭ باي دۆلەتكە ئايلانغان ئىدى. بۇنىڭ ئىزلىرى ھازىرمۇ بار، لېكىن ئۇنىڭ ئورنىدا ھازىر خىتايچە شەكىل تۇرۇپتۇ، - بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ يازغۇچى داۋىد لېگ، - سەنجازى مەھەللىسىدىكى 1054 نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى مانجۇ ، ئەمما ئۇلار ئۆز يۇرتىدا ئاران مانجۇلارنىڭ توي-تۈكۈن، ئۆلۈم-يىىتم ئادەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنىلا ساقلاپ قالالىغان، ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قالالمىغان. چىچىخاردىكى مىللى ئىشلار كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، - دەيدۇ يازغۇچى داۋىد لېگ، - ھازىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بۇيىچە پەقەت مۇشۇ جايدىلا بىر مانجۇچە باشلانغۇچ مەكتەپ بار، ئۇنىڭدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى سانى ھازىر ئاران 70 گە چۈشۈپ قالدى، چۈنكى بۇ مەكتەپنىڭ مانجۇچە دەرسلىك ماتېرىياللىرى ئىنتايىن كام.
ھازىر خىتايدا ئۆزىنى مانجۇ دەپ جاكارلاۋاتقان ئادەم سانى 10 مىليوندىن ئاشتى
-مانجۇ مىللىتى مىلادى 1644- يىلى خىتايدا چىڭ سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ تېررىتورىيىسىنى تەدرىجى ھالدا موڭغۇل، تېبەت، ئۇيغۇر ، تەيۋەن رايونلىرىغىچە كېڭەيتكەن ئىدى،- دەپ بايان قىلىدۇ يازغۇچى داۋىد لېگ، - بۇ سۇلالە 1911 - يىلى خىتاي مىللىتى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتتە مانجۇلارنىڭ مىللىي ئورنى "ئاز سانلىق مىللەت" دېيىلگەن تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان. گەرچە ھازىر ئۆزىنى مانجۇ دەپ ئاتىغۇچىلارنىڭ نوپۇس سانى 10 مىليوندىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ سان بىر مىليارد 300 مىليون خىتاي نوپۇسىنىڭ ئالدىدا ناھايىتى ئاز سان، بەلكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنىمۇ ئاللىقاچان يوقاتقان مىللەت.
- دۇنيادىكى 6800 خىل تىلنىڭ يېرىمى مۇشۇ بىر ئەسىر ئىچىدە يوقاپ كىتىشكە يۈزلەندى - دەپ بايان قىلىدۇ يازغۇچى داۋىد لېگ، - بۇنىڭ ئىچىدە مانجۇ تىلى تىز يوقىلىپ كەتگەن تىللارنىڭ بىرى. گەرچە مانجۇ تىلى ئۆز يۇرتلىرىدا خىتايلار تەرىپىدىن ئەڭ تىز يوقىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما مانجۇلارنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا كەلگەن شىبە قەبىلىسى ھازىرمۇ 30 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە مىللەت، ئۇلارنىڭ ئانا تىلى بولغان مانجۇ تىلى ۋە مانجۇ يېزىقى ھازىرغا قەدەر مەۋجۇتلا ئەمەس بەلكى تەرەققى قىلدۇرۇلىۋاتىدۇ.
ھازىر ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئۇيغۇر تىلى چەكلىنىۋاتقاندىمۇ، شىبەلەرنىڭ مانجۇ تىل -يېزىقى تەرەققى قىلىۋاتىدۇ
ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بايان قىلىنىشىچە، 1944 - يىلى ئىلىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتاي مىللەتچىلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق ئۇرۇشلىرىغا مانجۇلارنىڭ بىر قەبىلىسى بولغان شىبەلەرمۇ ناھايىتى ئاكتىپ قاتناشقان. ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتىدە شىبەلەر مانجۇچە كىتاپ- گېزىت نەشر قىلاتتى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ، ئۇلارنىڭ ئۆز تىل- يېزىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ، مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى خىتاي ئۆلكىرىلىدىكىدەك توسالغۇلارغا ئۇچرىغىنى يوق. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار - ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەقدىرى (2)
- ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىدا مائارىپنىڭ خىتايچىلىشىشىغا ئەگىشىپ شەكىلۋازلىق ھالەتلىرى پەيدا بولماقتا
- خىتاي ئۆلكىلىرىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىش - خىتاينىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى خىتايچە ئوقۇتىدىغان تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتمەكتە
- پىچان ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر قىزلار خىتاي ئۆلكىسىدە قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ ؟
- ئۇيغۇرلار ھەرگىز ئۆزىنى "خىتاي" دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ
- خىتاي ئۇيغۇرلاردىن "ئۈچكە ئېتىبار بېرىش" نى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى مارالبېشىدىكى توي قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى كوللىكتىپ توي قىلىشقا مەجبۇرلىدى
- ئىنتېرنېتتە ھازىر "خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتامدۇ ياكى ئۆز -ئارا بىرلىشىۋاتامدۇ؟" دېگەن تېمىدا ئەركىن مۇنازىرە باشلاندى (2)