يىغلاۋاتقان تۈركلەر
2007.07.17
تۈركىيە 21 - ئەسىر ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىدە "يىغلاۋاتقان تۈركلەر" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنى ھۈسەيىن راشىت يىلماز يازغان بولۇپ، ماقالە مۇنداق دەپ باشلايدۇ :
"تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپى تۈركىي مىللەت بولمىغان بىر دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولغان. شەرقىي تۈركىستان، غەربى تىراكىيە، قىرىم، قاراچاي، گاگاۋۇز، ئىراق تۈركمەنلىرى، ئىران، كوسوۋا، ياقۇت، ئاخىسكا، ماكېدونىيە تۈركلىرى قاتارلىقلار ھەممىسى زور قىيىنچىلىقلار ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇجادىلە قىلماقتا. تۈرك دۇنياسىنىڭ بۈيۈك بىر قىسمى ئۇزۇن يىللار بويىچە رۇس ۋە خىتاي بېسىمغا دۇچار بولغان، زور بىر قىسمى ھازىرمۇ بۇ بېسىمغا دۇچار بولۇشقا داۋام قىلماقتا. ئون نەچچە مىليون كۋادىرات كىلومېتىر جۇغراپىيىگە تارقالغان بۇ تۈركىي خەلقلەر ھەر تۈرلۈك بېسىمغا قارىماي ئۆزلىرىنىڭ تىلىدىن، دىنىدىن، ئۆرپ- ئادەتلىرىدىن ۋاز كەچمەي ياشاپ كەلمەكتە".
ئاپتور ماقالىسىگە ئۇيغۇرلاردىن مىسال بېرىپ مۇنداق داۋام قىلىدۇ:
"خىتاي ئاسارىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەر يىل ئونلارچە پەرزەنتىنى پانتۈركىزملىك قىلغان، دېگەن گۇناھ بىلەن خىتاينىڭ مىلتىقلىرىغا قۇربان قىلىپ بەرمەكتە. مىلتىق ئوقىنىڭ پۇلى چېغىدا شۇ ئۆلگەن بالىنىڭ ئائىلىسىدىن ئېلىنىدىغان مۇشۇنداق رەزىل تۈزۈمدە ئۆز تۇپراقلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان، كىملىكسىزلەشتۈرۈلۈشكە ئۇرۇنىلىۋاتقان بۇ قېرىنداشلىرىمىز باغرىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، ئوسمان باتۇرغا ئوخشاش قەھرىمانلارنى چىقىرىپ زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلماقتا. غۇلجا، بارىن، خوتەن قوزغىلاڭلىرى بىلەن خىتاينى قورقۇتقان ئۇيغۇر تۈركلىرى قوزغىلاڭدىن كېيىن قانلىق ھالدا باستۇرۇلدى. قەشقەر، ئۈرۈمچى، تۇرپانغا ئوخشاش تۈرلۈك ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تۇپراقلاردا يادرو سىناقلىرى ئېلىپ بارغان، خىتايلارنى مەجبۇرى ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنلىرىغا كۆچۈرۈۋاتقان مانا مۇشۇنداق بىر ھاكىمىيەت بىلەن ھايات - ماماتلىق كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ھەر دائىم ئۈمىد ۋە مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان تۈركىيىدىن ھېچبىر ۋاقىت كېرەكلىك ياردەمنى كۆرەلمىدى".
بۇ ھەقتە تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەنقەرەدە: `شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى` تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى
- ياۋروپادا، تۇرانىلار ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنى چاقىرىلدى
- د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونى ئەزاسى فارۇك ئۈنسال ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى
- ئەنقەرەدە مۇستەقىللىقنىڭ 15 يىلىدا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ناملىق يىغىن چاقىرىلدى
- قېرىنداش قەلەملەر ژورنىلى نەشىردىن چىقتى
- تۈرك ئىش بىرلىكى ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى تۈركىي مىللەتلەرگە ياردەم بېرىش يىغىنى چاقىردى