يېقىنقى ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشچە ياۋروپا ئىتتىپاقى "alvito" دەپ ئاتالغان بىر شىركەتنىڭ "جوڭگودا ياسالمىغان"( Not Made in China) دېگەن ئىنگلىزچە خەت يېزىلغان تاۋار ماكىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
خىتاي ماللىرىغا بولغان نارازىلىقنىڭ بىر ئىپادىسى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچكى بازارلىرىنى تەڭشەش ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۆتكەن يىلى 12-ئاي، بۇ يىل بىرىنچى ئاي ۋە 2-ئايلاردا بۇ شىركەتنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، بۇ تاۋار ماركىسى ئىككى دانا شەكىل ۋە "جوڭگودا ياسالمىغان" دېگەن ئىنگلىزچە سۆزدىن تەركىپ تاپقان ئىكەن.
شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدىكى سىياسى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ پىكىرىدىن مەلۇم بولۇشچە، بۇ ياۋروپا بازارلىرىغا ئۈزلۈكسىز بېسىپ كىرىۋاتقان خىتاينىڭ ساختا، ناچار ماللىرىغا قارىتا ياۋروپالىقلاردا پەيدا بولۇشقا باشلىغان نارىزىلىقلىرىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش خادىملىرىنىڭ بىلدۈرشىچە ياۋروپا تاۋار ماركىسى قانۇننىڭ پىرىنسىپى بويىچە ئېيتقاندا ئۇلار تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 6 ئاي ئىچىدە جامائەتكە ئىلان قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلىدىكەن. ئىلان قىلىنىپ 3 ئايدىن كىيىن بۇ ئىلتىماسىنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىدىكەن.
"جوڭگودا ياسالمىغان" تەكشۈرۈش باسقۇچىدا
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىكى بازارلارنى تەڭشەش ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش خادىمىنىڭ سۆزىدىن مەلۇم بولۇشچە، ئادەتتە ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسىدا جامائەت ئەخلاقىغا ۋە ئاممىۋىي تەرتىپكە زىت بولغان مەزمۇنلار بولمىسىلا ئىلتىماس بىردەك قوبۇل قىلىنىدىكەن ھەم بۇ قېتىم ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىدا جوڭگو خەلقىنى ھاقارەتلەش مەزمۇنى بار دەپ قارىمايدىكەن. ئۇ مۇخبىرنىڭ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچ ئايلىق پىكىر ئېلىش باسقۇچى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ بىر ئويلىنىش ۋە سىناق باسقۇچى ئىكەن، بۇ تاۋار ماركىسى ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىش ۋە تەستىقلانماسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېلىۋاتقان قاتتىق نارازلىق ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىلتىماسىنى ئۆتكەن يىلى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشى قاتارلىق ئامىللارغا باغلىق بولىدىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 9 ئايدا ئالۋىتو شىركىتىنىڭ "خىتايدا ياسالمىغان" دېگەن بۇ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ئىكەن.
خىتاي تەشۋىقاتنى كۈچەيتمەكتە
شاڭخەي پايچەك بازىرى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشچە ئالۋىتو شىركىتىنىڭ "جوڭگودا ياسالمىغان" دېگەن بۇ تاۋار ماركىسى ئىلتىماسى خىتاي ئاخباراتلىرىدا ناھايتى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنىپ، كىشىلەردە نارازلىق كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ تاۋار ماركىسى ئىلتىماسىنى تەستىقلىشىنى توسۇشقا چاقىرىق قىلىنغان.
جوڭگو بايچەك بازىرى تورىنىڭ ئېلىپ بارغان كىشىلەرنىڭ رايىنى سىناشتا 90% يۇقۇرى كىشىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالۋىتو شىرىكىتىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماسىنى تەستىقلىشىغا قارشى ئاۋاز بەرگەن. ئۇلار بىردەك "جوڭگودا ياسالمىغان" دېگەن بۇ تاۋار ماركىسى جوڭگونىڭ تاۋار ئىشلەپ چىقىرىشىغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىغان.
ئۇلۇق ئىرا تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالۋىتو شىركىتىنىڭ "جوڭگودا ياسالمىغان" دېگەن بۇ تاۋار ماركىسىنى 5 ئايلاردا ئىلان قىلىپ، جامائەتنىڭ پىكىرىگە سۇنۇدىكەن. ئەگەر ھەرقايسى تەرەپلەردە باشقىچە پىكىر بولماي بۇ تاۋار ماركىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تەستىقلانسا دۇنيادىكى تۇنجى خىتاي ماللىرىغا قارشى مەزمۇندىكى تاۋار ماركىسى بولۇپ قالىدىكەن. (يالقۇن)