ھىندىىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى قوراللىق ماۋچىلار نى جىددىي تازىلاشقا باشلىدى

0:00 / 0:00

'ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى' دە 10 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى مۇستەقىل يازغۇچى جېيسېن موتلاگنىڭ ھىندىستاننىڭ ھەيدەرئابادتىن يوللىغان دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

ھىندىستاندا 'ماۋچىلار' نىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئۆزلۈكسىز داۋام قىلماقتا

مۇستەقىل يازغۇچى جېيسىننىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، 40 يىلدىن بۇيان ھىندىستاندا 'ماۋچىلار'نىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئۆزلۈكسىز داۋام قىلماقتا. ئۇلار ئاز دېگەندە 535 قېتىم قوراللىق ھۇجۇم قوزغىدى. ھىندىستاندا بۇيىل 1 ‏- ئايدىن 9 ‏- ئايغىچە قوراللىق 'ماۋچىلار' تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى 384، بۇنىڭ ئىچىدە چاتىسگرا شتاتىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى 298، ئانتارا شتاتىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى 59. يازغۇچى بۇ سانلىق مەلۇماتنى مەخسۇس قوراللىق ھەرىكەتلەر ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتقان يېڭى دېھلىدىكى ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىدىن ئىگىلىگەن.

مۇستەقىل يازغۇچى جېيسىننىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، 'ھىندىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسى'نى كىشىلەر ئادەتتە قىسقارتىپ 'ماۋچىلار' دەپ ئاتايدۇ. بۇ 'ماۋچىلار' بولسا بۇنىڭدىن 40 يىل ئىلگىرى غەربىي بىنگالنىڭ ناشالبارى شەھەرچىسىدە يۈز بەرگەن كوممۇنىستلار قوزغىلىڭىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ھازىر ئۆزلىرىنى 'ناشالىتلار' دەپ ئاتايدۇ.

ئانتارا شتاتىدا ماۋچىلار ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان

ماۋچىلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىس شرى ناۋاس رېددى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا ، ھىندىستاننىڭ ئانتارا شتاتىدىكى ماۋچىلار ھىندىىستان ساقچىلىرىنىڭ جىددىي تازىلاش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. ‏-‏ دەپ بايان قىلىنىدۇ مۇستەقىل يازغۇچى جېيسىننىڭ دوكلاتىدا، ‏-‏ 'ماۋچىلار' ھىندىستاننىڭ مەركىزى رايونلىرىدىن بىر قەدەر يېراق بولغان چاتتىسگرا شتاتىغا چېگرىداش ئورمانلىقلارغا كېتىپ، يۇشۇرۇن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغاندىن كېيىنمۇ، ئۇلارنىڭ بىر نەچچە مۇھىم يېتەكچىلىرى شۇ جايلاردىكى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن 'ئوۋچىلار' تەرىپىدىن تازىلانغان.

ھۆكۈمەتنىڭ يەر -زېمىن سىياسىتى چۇقۇم خەلققە پايدىلىق بولۇشى كېرەك

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئانتارا شتاتى ھىندىىستان ھۆكۈمىتى ئېلىپ بارغان 'ماۋچىلار'نى جىددىي تازىلاش ھەرىكىتىنى مۇھىم تەجرىبە -ساۋاقلار بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، 1960 ‏- يىللىرىدا، ھىندىستاننىڭ ئانتارا شتاتىدا 'ماۋچىلار'نىڭ كەڭ كۆلەملىك 'ئىنقىلابىي ھەرىكىتى' يۈز بەرگەن ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا قوراللىق ماۋچىلار بۇ شتاتتا قوزغىغان تېرىلغۇ يەرلەرنى دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىدىغان 'يەر ئىسلاھاتى' ھەرىكىتى بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولغان ئىدى. بۇنىڭ تەسىرى ياخشى تازىلانمىغانلىقتىن، بۇ يىل ھىندىىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋارانگا رايونىدا قوزغىغان ھەربىي ھەرىكەتتە 'ماۋچىلار'نىڭ سوماننا ئىسىملىك بىر يېتەكچىسىنى ئېتىپ تاشلىغاندا، مەھەللە خەلقى بۇنىڭغا 'بىگۇنا ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىك' دەپ قارشى چىققان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئانتارا شتاتنىڭ بىر مىنىستىرى شۇ جايغا بارغاندا، ئۇنىڭ 3 نەپەر خىزمەتچىسى مىناغا دەسسەپ خەتەرگە يولۇققان. يازغۇچىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ يەر -زېمىن سىياسىتى خەلققە پايدىلىق بولمىسا، كوممۇنىستلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايتتى. خۇددى ماۋچى شائىر رائو ۋاراۋا ئېيتقاندەك، 'ناشالىتلار' ھامان يەنە تىرىلىپ قوپۇدۇ.

جارگاند، بىھار شىتاتلىرىدا ماۋچىلارنى ئوۋلايدىغان 2000 دىن ئارتۇق زەربىدار بار

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، 'ماۋچىلار' ھىندىستاننىڭ يېراق جايلاردىكى ئورمانلىقلىرىدا ئۆزى خان - بەگ بولۇۋالغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئاخبارات خادىمىنىڭ يازغۇچىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ھىندىستان ساقچىلىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان قوراللىق 'ماۋچىلار'نىڭ يۇشۇرۇن ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى تەدبىرى ئۈنۈملۈك بولماقتا. ھازىر 'ماۋچىلار' ھەرىكەت قىلىۋاتقان جارگاند، بىھار شتاتلىرى دائىرىسىدە 2000 دىن ئارتۇق زەربىدارلار بار. بۇ زەربىدارلار 'ئوۋچىلار' دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ 'ئوۋچىلار' ئورمانلىقلاردا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش جەھەتتە مەخسۇس ھەربىي تەلىم ئالغان تەجرىبىلىك جەڭچىلەر. ئۇلار 1990 ‏- يىلىدىن كېيىن 20 نەچچە قېتىم ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇلارنىڭ پائالىيىتى ئارقىلىق، قوراللانغان 'ماۋچىلار'نىڭ بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرىكى 1000 ئادىمىدىن ھازىر ئاران 400 ى قالدى.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دېھقانلار ۋە ئاياللار قوراللىق 'ماۋچىلار'نىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلىماقتا

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، بۇيىل 7 ‏- ئايدا ھىندىستاننىڭ چاتتىسگرا، بىھار شىتاتلىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان 'ماۋچىلار' يەرلىك دېھقانلارنى تېرىقچىلىق قىلماسلىق شەكلى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشقا مەجبۇرلىغان. ئۇلارغا بوي سۇنمىغان دېھقانلارنى جازالىغان. ساقچىلارنىڭ ئېنىقلىشىچە، 'ماۋچىلار' بۇ جايلاردا دېھقانلارغا ئېغىر پاراكەندىچىلىك سالغان. ئۇلار 11 نەپەر دېھقاننى ئېتىپ تاشلاپ، پۈتۈن مۈلكىنى بۇلاپ كەتكەن. ئاياللارغا كوللېكتىپ باسقۇنچىلىق قىلدىغان ۋەقە دائىم يۈز بېرىپ تۇرغان. ھازىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دېھقانلار ۋە ئاياللار قوراللىق 'ماۋچىلار'نىڭ جىنايىتىنى ئاشكارا ئىسپاتلىماقتا.

مۇستەقىل يازغۇچى جېيسېن موتلاگنىڭ ھىندىستاننىڭ ھەيدەرئابادتىن يوللىغان دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان ھىندىىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى قوراللىق 'ماۋچىلار' نى تازىلاش ھەرىكىتىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا. (ۋەلى)