تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ماۋزېدۇڭ رەسىمى كۆيدۈرۈلگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىرنى ئاستى

0:00 / 0:00
defacedMao_thumb-150.jpg
1989 - يىلى، 23 - مايدا، ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن يۈزى بويالغان ماۋ زەدوڭ سۇرىتى. red and yellow paint 23 May 1989 during a rally to support the student pro-democracy protest against the Chinese government./ source RFA

1950 ‏- يىلى بېيجىڭ شەھىرىدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئېسىپ قويۇلغان ماۋزېدۇڭ رەسىمى، 5 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى بىر خىتاي پۇقراسى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈپ زەخمىلەندۈرۈلدى. بۇ ‏-‏- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ داھىسى ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمىگە 3 نەپەر خۇنەنلىك ياش 1989 ‏- يىلى تۇخۇمغا قاچىلانغان قىزىل ۋە قارا بوياق بىلەن ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

نەق مەيداننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەر ب ب س نىڭ مۇخبىرىغا، شۇ كۈنى كەچ سائەت 5 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، بىر ئەر كىشى قولىدىكى كۆيدۈرگۈچ بۇيۇمغا ئوت يېقىپ، ئۇنى تيەنئەنمېن راۋىقىغا ئېسىپ قويۇلغان ئىگىزلىكى 6 مېتىر، كەڭلىكى 4 مېتىر 60 سانتىمېتىرلىق ماۋزېدۇڭ رەسىمىگە قارىتىپ ئاتقان ھامان، ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمىنى قاپ-قارا ئىس قاپلىغانلىقىنى؛ ئەينى ۋاقىتتا تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ جەم بولغان 100 دەك ساقچى ئوتنى ئۆچۈرۈۋالغان ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ نەق مەيدانغا يېقىنلىشىشىنى چەكلىگەنلىكىنى؛ ماۋزېدۇڭ رەسىمى بولسا ئاللىقاچان % 15 يەنى تۆۋەن تەرەپتىكى ئوڭ بۈرجىكى كۆيۈپ زەخمىلەنگەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بايان قىلغان.

خىتاي ساقچىلىرى كەچ سائەت 10 دىن باشلاپ يوللارنى قامال قىلغان. تيەنئەنمېن مەيدانىغا 5 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى ئەتىگەندە كەلگەن ساياھەتچىلەر كۆيدۈرۈلگەن ماۋزېدۇڭ رەسىمىنىڭ يەڭگۈشلەنگەن نۇسخىسىنى كۆرگەن.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئىشسىز گۇ خەيئاۋ' دېسە، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى' ئۇ ئۆز ئىمسىنى مەلۇم قىلىشنى رەت قىلدى' دېگەن

'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، تيەنئەنمېن مەيدانىدا ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمى كۆيدۈرۈلگەن بۇ ۋەقەنى، خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقى شۇ كۈنى كېچىدە چەتئەللەرگە قارىتا ئېنگىلىز تىلىدا خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىگە قارىتا ھېچقانداق خەۋەر ئېلان قىلمىغان.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ماۋزېدۇڭ رەسىمىنى كۆيدۈرگەن كىشىنى 'شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن 35 ياشلىق ئىشسىز ئەر، ئىسمى گۇ خەيئاۋ، بۇ كىشى بۇلتۇر ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان' دەپ چۈشەندۈرگەن. لېكىن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ساقچى دائىرىلىرى چەتئەللىكلەر تېلېفون ئارقىلىق سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمىنى كۆيدۈرگەن بۇ كىشى ئۆز ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى رەت قىلدى' دېگەن.

بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەر ئىككى مەسىلىگە يىغىنچاقلاندى

تيەنئەنمېن مەيدانىدا ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمى كۆيدۈرۈلگەن بۇ ۋەقە ھەققىدە، چەتئەللەردە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلەر خىتاينىڭ دۆلەت پۇقرالىرى نېمە ئۈچۈن ماۋزېدۇڭ رەسىمىنى كۆيدۈرگەنلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، گەرچە ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ئاللىقاچان ماۋزېدۇڭ مەسلىكىدىن چەتنىگەن سىياسەتلەر بولسىمۇ، يەنە نېمە ئۈچۈن ماۋزېدۇڭنى شۇقەدەر بەك قوغدايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە مەركەزلەشتى. شىۋېتسىيىدە چىقىدىغان 'غەرب شامىلى' ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

قەشقەردىكى ماۋزېدۇڭ ھەيكىلىمۇ ھامان چېقىپ تاشلىنىدۇ

CHINA_XJ_MIGRATION_Mao-150.jpg
بىر خىتاي كۆچمەن قەشقەردىكى ماۋ زەدوڭ ھەيكىلى ئالدىدا. 2003 - يىلى 17 - سىنتەبىر. This photo taken 17 September 2003 shows Chinese women practicing martial arts on People's Square in Kashgar, watched over by a Mao Zedong statue / AFP PHOTO/Frederic J. BROWN

ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماۋزېدۇڭنىڭ رەسم ۋە ھەيكەللىرىنى داۋاملىق قوغداشتىكى مەقسىتى پەقەت خۇ جىنتاۋ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن.

ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىملىرى ۋە ھەيكەللىرى ھامان كۆيدۈرۈپ ۋە چېقىپ تاشلىنىدۇ، بۇ قەشقەردىكى ماۋزېدۇڭ ھەيكىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ۋەلى)