قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە ماڭدى
2004.10.22
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بېرۇ ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان يەتتە كىشىلىك زىيارەت ئۆمىكى 22 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۈرۈپ كەتتى.
بۇ زىيارەت ئۆمىكىگە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى تۇرغانجان روزاخونوف، مەسلىھەتچى دىلمۇرات قازىيېف قاتارلىقلار قاتناشتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ مەقسەت مۇددىئالىرىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بىز ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىقى تۇرغانجان روزاخونوف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلىغايسىلەر
©
2004 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كابۇلدىكى "قەشقەر سامسىخانىسى"
- قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ 70 يىللىقى ئۆتكۈزۈلدى
- پۇتىننىڭ خىتاي زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىدە پەيدا بولغان ئىنكاسلار
- گېنىرال زۇنۇن تېيىپ ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى خاتىرىلەندى
- شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيەت جەمىيىتى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى
- "پەلەك شاھى" تورونتودىكى خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا