قەشقەردە يۈز بەرگەن " ئاۋغۇست ۋەقەسى" نىڭ ھەقىقىي جەريانى
2007.08.07
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە قەشقەردە يۈز بەرگەن " ئاۋغۇست ۋەقەسى" نىڭ شاھىدى ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى .
1967 - يىلى ئاۋغۇست ئايلىرىدا، قەشقەردە مەدەنىيەت ئىنقىلابى پەللىگە چىققان بولۇپ، ئىسيانچىلار بىر- بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆز - ئارا ئۈستۈنلۈك تالاشقان ئىدى. ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشتىكى كىشىلەر، " قىزىل قوغدىغۇچىلار " تەرىپىدىن بۇلاڭ - تالاڭغا ئۇچرىغاندىن سىرت، ھەتتا ئۆلتۈرۈلگەن. دەل شۇ پەيتتە، قەشقەردىكى " قەشقەر پرولېتارىيات قوماندانلىق شىتابىنىڭ،" "قەلەم بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئەلەم بىلەن قوغدىنىش" شۇئارى بۇيىچە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا مەسئۇل بولغان ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندى، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتتى.
ھازىر شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ، ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ باش تەپتىشى ۋە شىۋېتسىيىدە چىقىدىغان " غەرب شامىلى جۇرنىلى" نىڭ باش تەھرىرى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندى مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قەشقەر تارىخىدىكى " ئاۋغۇست ۋەقەسى" ھەققىدە توختالدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە ھازىرلىغان سۆھبەتكە قۇلاق سالغايسىلەر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مايكېل شەرىداننىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى زىيارەت خاتىرىسىنىڭ تورلاردىكى ئىنكاسى
- تۇركىيەدىكى يېڭى چاغ تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى
- تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
- ھېيتگاھ جامەسى غەزەپتە
- "ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كىملىكى، قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە"
- خىتايدا ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بېرىلغان " ھەج " ئىبادىتى قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ
- 30 - ئۆكتەبىر ۋەقەسىگە 25 يىل
- قەشقەرنىڭ قەدىمىي شەھەر قۇرۇلۇشى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۆزگەرتىلمەكتە
- قەشقەرنىڭ ئوبرازى ئۆزگەرتىلمەكتە
- ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر خەلقارالىق چوڭ شەھەر بولالامدۇ؟
- قەشقەر دىيارى "غەربىي رايوندىكى شىنجىن" گە ئايلاندۇرۇلماقچى
- ئۇيغۇر يېزا، كەنت كادىرلىرى مۇقىملىقنى ساقلاشقا چېنىقتۇرۇلماقتا