ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى


2006.03.15
tom-lantos.jpg
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى تام لانتوس ئەپەندى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنىدە سۆزلىمەكتە.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 3-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ سائەت 5 يېرىمدىن توققۇزغىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كانان ئىش بىناسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان.

رەڭگا- رەڭ نەپىس ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كىيگەن ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىلىق دوستلىرى شۇنىڭدەك ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى ھەم خىزمەتچى خادىملىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، 30 نەچچە خىل ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ شوخ ئۇسۇللىرىدىن ھوزۇرلاندى.

قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدىن كەلگەن "ياركەنت بۇلبۇللىرى" ناملىق مىللىي ناخشا-ئۇسۇل گۇرۇپپىسىنىڭ شۇنىڭدەك شۋېتسىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇزىكانتى كۈرەش كۈسەننىڭ ھەم سابىق ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىسى سۇلتان مەمەتوپنىڭ ئىجراسىدىكى ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكىلاردىن ھوزۇرلاندى.

بۇ يەرگە يەنە ئۇيغۇر مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان سىزما سۈرەتلەر شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتىنى جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى نامايەن قىلىدىغان 200 پارچىدىن ئارتۇق فوتو سۈرەتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئۆرنەكلىرى قويۇلغان ئىدى

بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا تارىخىدا جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا بىرىنچى قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇراسىمنىڭ ئېچىلىشى نۇتۇقلىرىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارمىغىدىكى ئىنسان ھوقۇقى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى توم لانتوس ئەپەندى، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مەسۇلى ت.كۇمار ۋە ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لورن كراينېر قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى بىر قانچە ئايدىن بۇيان جىددىي ئۇسۇل تەييارلىقلىرىنى ئېلىپ باردى. ئۇيغۇر جامائىتى بۇ پائالىيەتنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.

بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكا، ياپونىيە، تۈركىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەخسۇس مۇخبىرلارنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار پائالىيەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تارقىتىش ئۈچۈن سۈرئەتلەرگە ئالدى.( ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.