ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى "دۇنيا بالىلار ئۆيى مەدەنىيەت پائالىيىتى" سورۇنىنى لەرزىگە سالدى


2007.09.28

9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرى خەلقئارا مۇھىت قوغداش ئىدارىسى باۋارىيە تارمىقى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان "دۇنيا بالىلار ئۆيى مەدەنىيەت پائالىيىتى" گە قاتناشتى.

بۇ پائالىيەتكە گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيىدىن ئىبارەت بەش قىتئەدىن كەلگەن ھەر مىللەت ئۆسمۈر بالىلىرى قاتناشتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.