شىۋېتسىيىنىڭ ستوكھولم شەھىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولم شەھىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن. شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئويۇشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، بۇ پائالىيەتتە شىۋېتسىيىنىڭ ستوكھولم شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەرخىل ئۇيغۇر تاماقلىرىنى، تاتلىق - تۈرۈملەرنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تام رەسىملىرى ، كىيىم-كېچەكلەر ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل يېزىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كىتاب ‏- ژۇرناللارنى كۆرگەزمە قىلغان . ئۇيغۇر تاماقلىرىنى شىۋېتسىيە خەلقىنىڭ تېتىپ بېقىشى ئۇچۇن تارقاتقان.

بۇ كۆرگەزمە شىۋېتسىيىنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، ئۇيغۇر مائارىپ ئويۇشمىسى تارمىقىدىكى ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ 27 نەپەر ئوقۇغۇچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئاڭلىتىلغان ۋاراقلارنى تارقاتقان.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۇچۇن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئويۇشمىسى باشلىقى ئابدۇللاھ ئەھەت ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

بىز يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان شىۋىتلەرنىمۇ زىيارەت قىلدۇق. بىر شىۋېت ئۇيغۇر خەلقىنى بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "مەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قىلىۋاتقان بۇ پائالىيەتتىن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. ئۇيغۇر تاماقلىرى بەكلا لەزىز ئىكەن . مەن بۇرۇن بۇنداق بىر مۇسۇلمان مىللەت بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان ، بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم."

بۇ كىشى بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: " مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بولۇپ تۇرۇشى ناھايىتى ياخشى. بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق خىلمۇ ‏- خىل مەدەنىيەتلەر بىلەن تونۇشالايمىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن." (ئەركىن تارىم)